25
سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرىنىڭ داۋامى
1تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى؛ بۇلارنى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ خاتىرىلىگەن: ــ
2پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئاشكارىلىمىغىنىدا؛
پادىشاھلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ بىر ئىشنىڭ سىرىنى يېشەلىگىنىدە.
3ئەرشنىڭ ئېگىزلىكىنى،
زېمىننىڭ چوڭقۇرلۇقىنى،
ۋە پادىشاھلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى مۆلچەرلەپ بىلگىلى بولماس.
4ئاۋۋال كۈمۈشنىڭ پوقى ئايرىلىپ تاۋلانسا،
ئاندىن زەرگەر نەپىس بىر قاچا ياساپ چىقار.
5ئاۋۋال پادىشاھنىڭ ئالدىدىكى رەزىل خىزمەتكارلىرى قوغلىۋېتىلسە،
ئاندىن ئۇنىڭ تەختى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلار.
6پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ھەممىنىڭ ئالدى قىلىپ كۆرسەتمە،
ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئەربابلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇۋالما؛
7ئورنۇڭنى ئۆزۈڭدىن يۇقىرى جانابقا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا پەگاھقا چۈشۈرۈلگىنىڭدىن كۆرە،
ئۆزگىلەرنىڭ سېنى تۆرگە تەكلىپ قىلغىنى ياخشىدۇر.
8ئالدىراپ دەۋاغا بارمىغىن،
مۇبادا بېرىپ، يېقىنىڭ ئۈستۈن چىقىپ سېنى لەت قىلسا، قانداق قىلىسەن؟
9يېقىنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشسەڭ،
باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچما.
10بولمىسا، بۇنى بىلگۈچىلەر سېنى ئەيىبلەيدۇ،
سېسىق نامدىن قۇتۇلالمايسەن.
11ۋاقتى-جايىدا قىلىنغان سۆز،
كۈمۈش رامكىلارغا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردۇر.
12 قۇلاققا ئالتۇن ھالقا، نەپىس ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمى ياراشقاندەك،
ئاقىلانىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى كۆڭۈل قويغاننىڭ قۇلىقىغا يارىشار.
13خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى تومۇزدا ئىچكەن قار سۈيىدەك،
ئىشەنچلىك ئەلچى ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىلەرگە شۇنداق بولار؛
ئۇ خوجايىنلىرىنىڭ كۆكسى-قارنىنى ياشارتار.
14يامغۇرى يوق بۇلۇت-شامال،
يالغان سوۋغاتنى ۋەدە قىلىپ ماختانغۇچىغا ئوخشاشتۇر.
15ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلىنسا، ھۆكۈمدارمۇ قايىل قىلىنار،
يۇمشاق تىل سۆڭەكلەردىنمۇ ئۆتەر.
16سەن ھەسەل تېپىۋالدىڭمۇ؟
ئۇنى پەقەت تويغۇچىلا يە،
كۆپ يېسەڭ ياندۇرۇۋېتىسەن.
17قوشناڭنىڭ بوسۇغىسىغا ئاز دەسسە،
ئۇلار سەندىن تويۇپ، ئۆچ بولۇپ قالمىسۇن.
18يالغان گۇۋاھلىق بىلەن يېقىنىغا قارا چاپلىغۇچى،
خۇددى گۈرزە، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر ئوققا ئوخشاشتۇر.
19سۇنۇق چىش بىلەن چايناش،
توكۇر پۇت بىلەن مېڭىش،
كۈلپەت كۈنىدە ۋاپاسىز كىشىگە ئۈمىد باغلىغاندەكتۇر.
20قىش كۈنىدە كىشىلەرنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇۋېتىش،
ياكى سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇش،
قايغۇلۇق كىشىنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتقاندەكتۇر.
21دۈشمىنىڭنىڭ قورسىقى ئاچ بولسا،
نان بەر؛
ئۇسسىغان بولسا سۇ بەر؛
22شۇنداق قىلساڭ، بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن،
ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ساڭا ياندۇرىدۇ.
23شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ئېلىپ كەلگەندەك،
چېقىمچى شۇم چىراينى كەلتۈرەر.
24سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە،
ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يالغۇز يېتىپ-قوپقان ياخشى.
25ئۇسساپ كەتكەن كىشىگە مۇزدەك سۇ بېرىلگەندەك،
يىراق يۇرتتىن كەلگەن خۇش خەۋەرمۇ ئەنە شۇنداق بولار.
26پېتىقدىلىپ سۈيى لېيىپ كەتكەن بۇلاق،
سۈيى بۇلغىۋېتىلگەن قۇدۇق،
رەزىللەرگە يول قويغان ھەققانىي ئادەمگە ئوخشاشتۇر.
27ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيىش ياخشى بولماس؛
بىراق ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر.
28ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشى،
ۋەيران بولغان، سېپىلسىز قالغان شەھەرگە ئوخشايدۇ.
Notes
■25:2
رىم. 11:33
■25:5
پەند. 20:8، 28
□25:7
«ئورنۇڭنى ئۆزۈڭدىن يۇقىرى جانابقا...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز كۆزۈڭ كۆرگەن جانابقا...».
■25:7
لۇقا 14:7-11
■25:8
پەند. 18:17
□25:13
«خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى تومۇزدا ئىچكەن قار سۈيىدەك» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى قارنىڭ سالقىنىدەك» دېيىلىدۇ.
■25:13
پەند. 13:17
■25:15
پەند. 15:1؛ 16:14
■25:18
زەب. 11:2؛ 57:4؛ 59:7؛ 120:3-4؛ پەند. 12:18
□25:20
«(خام) سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇش» ــ سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇلسا، ئىنتايىن ئاچچىق بىر ھىد چىقىدۇ، شۇڭا مەنىسى: ــ «يارىغا تۇز سەپكەندەك» دېگەندەك.
■25:20
رىم. 12:15
□25:21
«دۈشمىنىڭ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ساڭا ئۆچ بولغاننىڭ...».
■25:21
مىس. 23:4، 5؛ رىم. 12:20
□25:22
«(دۈشمىنىڭنىڭ) بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن» ــ بۇنىڭ مەنىسى: «ئۇنى قاتتىق ئۇيالدۇرىسەن». بۇ ئىبارە مىسىردىكى كونا بىر ئادەتنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېشىدا بىر سىۋەت چوغنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. شۇڭا «ئۇنىڭ بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالىسەن» دېگىنى، ئۇنىڭ توۋا قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيسەن» «ۋىجدانىنى ئويغىتىسەن» دېگەنلىكتۇر.
□25:24
«سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە،...» ــ ياكى «سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە ئولتۇرغاندىن كۆرە،...».
■25:24
پەند. 21:9،19
□25:27
«ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر» ــ بىزنىڭچە بۇ ئايەتتىكى «ئۇلۇغلۇق» خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلۇغ» بىلەن «ئېغىر» بىر سۆز بولغاچقا، بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بار: «ئېغىر ئىشلارنى ئويلىنىپ سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئۆزى ئېغىر ئىشتۇر». يەنە باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار، جۈملىدىن «ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى ئىزدەش ئۇلۇغ ئىش ئەمەس».
□25:28
«ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشى» ــ «ئۆزىنى تۇتالمايدىغان» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز روھىنى ئىدارە قىلالمايدىغان» دەپ ئىپادىلىنىدۇ.
■25:28
پەند. 16:32
رىم. 11:33
پەند. 20:8، 28
پەند. 18:17
پەند. 13:17
پەند. 15:1؛ 16:14
زەب. 11:2؛ 57:4؛ 59:7؛ 120:3-4؛ پەند. 12:18
رىم. 12:15
مىس. 23:4، 5؛ رىم. 12:20
پەند. 21:9،19
پەند. 16:32