2
رۇتنىڭ بوئازنىڭ ئېتىزىدا باشاق تېرىشى
1نائومىنىڭ ئېرىگە تۇغقان كېلىدىغان بوئاز ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، ئىنتايىن باي ئادەم ئىدى. 2موئاب قىزى رۇت نائومىغا: ــ مەن ئېتىزلىققا باراي، بىرەركىمنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تېپىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئارپا باشاقلىرىنى تەرسەم؟ ــ دېدى.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئەي قىزىم، دېدى.
3شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىقىپ ئېتىزلىقلارغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن باشاق تەردى. بەختىگە يارىشا، دەل ئۇ كەلگەن ئېتىزلىق ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتى بولغان بوئازنىڭ ئېتىزلىقلىرى ئىدى.
4مانا، ئۇ ۋاقىتتا بوئاز بەيت-لەھەمدىن چىقىپ كېلىپ، ئورمىچىلار بىلەن سالاملىشىپ: ــ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! ــ دېدى.
ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ پەرۋەردىگار ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي! ــ دېدى.
5بوئاز ئورمىچىلارنىڭ ئۈستىگە نازارەتكە قويۇلغان خىزمەتكارىدىن: ــ بۇ ياش چوكان كىمنىڭ قىزى بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
6ئورمىچىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان خىزمەتكار جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ نائومى بىلەن بىللە موئابنىڭ سەھراسىدىن قايتىپ كەلگەن موئابىي چوكان بولىدۇ. 7ئۇ: «ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن ئۆنچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى چېچىلىپ كەتكەن باشاقلارنى تېرىۋالايمۇ؟» دەپ تەلەپ قىلدى. ئاندىن ئۇ كېلىپ ئەتىگەندىن ھازىرغىچە ئىشلەۋاتىدۇ؛ ئۇ پەقەت كەپىدە بىرئاز دەم ئالدى، ــ دېدى.
8بوئاز رۇتقا: ــ ئەي قىزىم، ئاڭلاۋاتامسەن؟! سەن باشاق تەرگىلى باشقا بىر كىمنىڭ ئېتىزلىقىغا بارمىغىن، بۇ يەردىنمۇ كەتمە، مېنىڭ دېدەكلىرىم بىلەن بىرگە مۇشۇ يەردە تۇرغىن. 9دىققەت قىلغىن، قايسى ئېتىزدا ئورما ئورغان بولسا، دېدەكلەرگە ئەگىشىپ بارغىن. مەن يىگىتلەرگە: ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، دەپ تاپىلاپ قويدۇم! ئەگەر ئۇسساپ قالساڭ بېرىپ، ئىدىشلاردىن يىگىتلىرىم قۇدۇقتىن تارتقان سۇدىن ئىچكىن، ــ دېدى.
10رۇت ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بىر بىگانە تۇرسام، نېمىشقا ماڭا شۇنچە غەمخورلۇق قىلغۇدەك نەزىرىڭدە شۇنچىلىك ئىلتىپات تاپقانمەن؟ ــ دېدى.
11وئاز ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئېرىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قېينئاناڭغا قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا سېنىڭئاتا-ئاناڭنى ۋە ئۆز ۋەتىنىڭدىن قانداق ئايرىلىپ، سەن بۇرۇن تونۇمايدىغان بىر خەلقنىڭ ئارىسىغا كەلگىنىڭ ماڭا پۈتۈنلەي ئايان بولدى؛ 12پەرۋەردىگار قىلغىنىڭغا مۇۋاپىق ساڭا ياندۇرغاي، سەن قاناتلىرىنىڭ تېگىدە پاناھ ئىزدىگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ساڭا ئۇنىڭ تولۇق ئىنئامى بېرىلگەي، دېدى. 13رۇت جاۋابەن: ــ ئەي خوجام، نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقايمەن؛ مەن سېنىڭ دېدىكىڭ بولۇشقىمۇ يارىمىساممۇ، سەن ماڭا تەسەللى بېرىپ، دېدىكىڭگە مېھرىبانە سۆزلەرنى قىلدىڭ، ــ دېدى.
14تاماق ۋاقتىدا بوئاز ئۇنىڭغا: ــ قېنى، بۇياققا كەلگىن، ناندىن يە، ناننى سىركىگە تۆگۈرگىن! ــ دېدى. رۇت ئورمىچىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى؛ بوئاز قوماچتىن ئېلىپ ئۇنىڭغا تۇتتى. ئۇ ئۇنىڭدىن تويغۇچە يېدى ۋە يەنە ئازراق ئاشۇرۇپ قويدى.
15ئۇ باشاق تەرگىلى قوپقاندا، بوئاز يىگىتلىرىگە بۇيرۇپ: ــ ئۇنى ھەتتا ئۆنچىلەرنىڭ ئارىسىدا باشاق تەرگىلى قويۇڭلار، ئۇنى ھېچ خىجالەتتەقالدۇرماڭلار. 16ھەتتا ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق باشاقلارنى ئۆنچىلەردىن ئەتەي ئايرىپ، ئۇنىڭغا تەرگىلى چۈشۈرۈپ قويۇڭلار، ئۇنى ھېچ ئەيىبلىمەڭلار، دېدى.
17شۇنداق قىلىپ ئۇ كەچكىچە ئېتىزلىقتا باشاق تەردى، تېرىۋالغانلىرىنى سوققاندا، تەخمىنەن بىر ئەفاھ ئارپا چىقتى. 18ئاندىن ئۇ ئارپىسىنى ئېلىپ، شەھەرگە كىردى، قېينئانىسى ئۇنىڭ تەرگەن ئارپىسىنى كۆردى؛ ئۇ يەنە ئۇ يەپ تويۇنغاندىن كېيىن ساقلاپ قويغىنىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردى.
19قېينئانىسى ئۇنىڭغا: ــ سەن بۈگۈن نەدە باشاق تەردىڭ، نەدە ئىشلىدىڭ؟ ساڭا غەمخورلۇق قىلغان شۇ كىشىگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنغاي! ــ دېدى.
ئۇ قېينئانىسىغا كىمنىڭكىدە ئىش قىلغىنىنى ئېيتىپ: ــ مەن بۈگۈن ئىشلىگەن ئېتىزنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىسمى بوئاز ئىكەن، دېدى.
20نائومى كېلىنىگە: ــ تىرىكلەرگىمۇ، ئۆلگەنلەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىشتىن باش تارتمىغان كىشى پەرۋەردىگاردىن بەخت-بەرىكەت كۆرگەي! ــ دېدى. ئاندىن نائومى ئۇنىڭغا يەنە: ــ ئۇ ئادەم بىزنىڭ يېقىن تۇغقىنىمىزدۇر، ئۇ بىزنى قۇتقۇزالايدىغان ھەمجەمەتلەردىن بىرىدۇر، ــ دېدى.
21موئاب قىزى رۇت يەنە: ــ ئۇ ماڭا يەنە: «مېنىڭ يىگىتلىرىم پۈتۈن ھوسۇلۇمنى يىغىپ بولغۇچە ئۇلار بىلەن بىرگە بولغىن» دېدى، ــ دېدى.
22نائومى كېلىنى رۇتقا: ــ ئەي قىزىم، بىرسىنىڭ ساڭا يامانلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن باشقىسىنىڭ ئېتىزلىقىغا بارماي، ئۇنىڭ دېدەكلىرى بىلەن بىللە چىقىپ ئىشلىسەڭ ياخشىدۇر، دېدى.
23شۇنىڭ بىلەن ئارپا ۋە بۇغداي ھوسۇلى يىغىلىپ بولغۇچە، رۇت بوئازنىڭ دېدەكلىرى بىلەن يۈرۈپ باشاق تەردى. ئۇ قېينئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇۋەردى.
Notes
■2:1
مات. 1:5
□2:2
«باشاق تېرىش» ــ تەۋرات قانۇنى بويىچە نامرات كىشىلەر ۋە ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ ئورمىچىلارنىڭ ئارقىسىدىن چېچىلىپ كەتكەن باشاقلارنى تېرىشىگە رۇخسەت بېرىلىشى كېرەك («لاۋ.» 9:19-10نى كۆرۈڭ). گەرچە نائومىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر پارچە ئېتىزى بار بولسىمۇ (3:4)، ئۇنىڭغا شۇ پەسىلدە بىرنەرسە تېرىلمىغانىدى. رۇت مۇشۇ ئىلتىماسى بىلەن نائومىنى «باشاق تېرىش» خىجالەتچىلىكىدىن قۇتقۇزىدۇ.
□2:5
«خىزمەتكارىدىن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يىگىتىدىن». «باشاق تېرىش» ــ شۇ چاغدا رۇت تېخى تۇل بولغاچقا، شۇنىڭغا يارىشا ئالاھىدە كىيىملىرىنى كىيۋاتقان ئىدى. 3:3نى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
□2:7
«كەپىدە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆيدە». ئورما مەزگىلدە ئورمىچىلار بەلكىم ئېتىزلىقتا دەم ئېلىشقا ۋاقىتلىق كەپە سالغان بولسا كېرەك.
□2:8
«دېدەكلىرىم بىلەن بىرگە مۇشۇ يەردە تۇرغىن» ــ دېدەكلەرنىڭ ئىشى بەلكىم ئارپا پايلىرىنى يىغىپ ئۆنچە قىلىش ئىدى. رۇت «ئۇلارنىڭ قېشىدا» ئىشلىسە كۆپرەك باشاقلارنى تېرەلەيتتى، ئەلۋەتتە.
□2:13
«دېدىكىڭ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دېدەك»نى تەسۋىرلەيدىغان ئىككى سۆز بار. رۇت بۇ ئايەتتە بۇلاردىن ئەڭ تۆۋەن ئورۇننى كۆرسىتىدىغان سۆزنى ئىشلىتىپ ئۆزىنى تەسۋىرلەيدۇ.
□2:17
«بىر ئەفاھ ئارپا» ــ تەخمىنەن 15 كىلوگرامچە ئىدى.
□2:20
«بىزنى قۇتقۇزالايدىغان ھەمجەمەتلەردىن بىرى» ــ (««ھەمجەمەت-نىجاتكار»ىمىزدىن بىرى» ياكى ««ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى»ىمىزدىن بىرى») ــ بۇ ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. بىرسى نامراتلىقتىن ئۆزىنى قۇللۇققا سېتىۋەتكەن بولسا ياكى باشقا قىيىن ئەھۋالغا ئۇچراپ مال-مۈلۈكىنى ساتقان بولسا، مۇسا پەيغەمبەر تاپشۇرۇۋالغان قانۇنغا ئاساسەن، شۇ كىشىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەمجەمەتلىرىنىڭ ئۇنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بار ئىدى. دېمەك، ئۇ سېتىۋالغۇچىغا ئادىل بىر باھادا پۇل بەرسىلا، ئۇ ئۇنىڭ ئۆز قېرىندىشىنى ھۆر قىلىپ قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بار ئىدى. ھوقۇقنى ئىشلىتىش ھەمجەمەتىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولاتتى، ئەلۋەتتە. ئۇ ھوقۇقىنى ئىشلەتمەكچى بولسا، ھېچكىم ئۇنى توساالمايتتى. نائومى مۇشۇ يەردە: «بىزدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتى بولغان يېقىن تۇغقانلىرىمىزدىن بىرى بار» دېمەكچى بولىدۇ.
□2:22
«بىرسىنىڭ ساڭا يامانلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بىرسىنىڭ ساڭا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن». «باشقىسىنىڭ ئېتىزلىقىغا بارماي، ئۇنىڭ دېدەكلىرى بىلەن بىللە چىقىپ ئىشلىسەڭ ياخشىدۇر» ــ نائومىنىڭ بۇ ئاگاھ سۆزلىرى بىزگە «باتۇر ھاكىملار» دەۋرىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالنى ئايان قىلسا كېرەك.