1بوئاز شەھەر دەرۋازىسىغا چىقىپ، شۇ يەردە ئولتۇردى. مانا، ئۇ ۋاقىتتا بوئاز ئېيتقان ھېلىقى ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە كىشى كېلىۋاتاتتى. بوئاز ئۇنىڭغا: ــ ئەي بۇرادەر، كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇرغىن، دېۋىدى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى.
2ئاندىن بوئاز شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئون ئادەمنى چاقىرىپ، ئۇلارغىمۇ: ــ بۇ يەردە ئولتۇرۇڭلار، دېدى. ئۇلار ئولتۇرغاندا 3ئۇ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئىگە كىشىگە: ــ موئابنىڭ سەھراسىدىن يېنىپ كەلگەن نائومى قېرىندىشىمىز ئەلىمەلەككە تەۋە شۇ زېمىننى ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ. 4سس شۇڭا مەن مۇشۇ ئىشنى ساڭا خەۋەرلەندۈرمەكچى ئىدىم، شۇنداقلا مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ۋە خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا «بۇنى سېتىۋالغىن» دېمەكچىمەن. سەن ئەگەر ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ئاساسەن ئالاي دېسەڭ، ئالغىن؛ ھەمجەمەتلىك قىلماي، ئالمايمەن دېسەڭ، ماڭا ئېيتقىن، مەن بۇنى بىلەي؛ چۈنكى سەندىن ئاۋۋال باشقىسىنىڭ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقى بولمايدۇ؛ ئاندىن سەندىن كېيىن مېنىڭ ھوقۇقۇم بار، دېدى.
ئۇ كىشى: ــ ھەمجەمەتلىك قىلىپ ئۇنى ئالىمەن، دېدى.
5بوئاز ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا يەرنى نائومىنىڭ قولىدىن ئالغان كۈنىدە مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىرەر ئەۋلادى قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ ئايالى، موئاب قىزى رۇتنىمۇ ئېلىشىڭ كېرەك، ــ دېدى.
6ھەمجەمەت كىشى: ــ ئۇنداق بولسا ھەمجەمەتلىك ھوقۇقۇمنى ئىشلىتىپ ئېتىزنى ئالسام بولمىغۇدەك؛ ئالسام ئۆز مىراسىمغا زىيان يەتكۈزگۈدەكمەن. ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىنى سەن ئۆزۈڭ ئىشلىتىپ، يەرنى سېتىۋالغىن؛ مەن ئىشلىتەلمەيمەن دېدى.
7قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلدا ھەمجەمەتلىك ھوقۇقىغا ياكى ئالماشتۇرۇش-تېگىشىش ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر رەسىم-قائىدە بار ئىدى: ــ ئىشنى كەسمەك ئۈچۈن بىر تەرەپ ئۆز كەشىنى سېلىپ، ئىككىنچى تەرەپكە بېرەتتى. ئىسرائىلدا سودا-سېتىقنى بېكىتىشتە مانا مۇشۇنداق بىر ئۇسۇل بار ئىدى. 8شۇڭا ھەمجەمەت ھوقۇقىغا ئىگە كىشى بوئازغا: ــ سەن ئۇنى ئالغىن، دەپ، ئۆز كەشىنى سېلىۋەتتى. 9بوئاز ئاقساقاللارغا ۋە كۆپچىلىككە: ــ سىلەر بۈگۈن مېنىڭ ئەلىمەلەككە تەۋە بولغان ھەممىنى، شۇنداقلا كىليون بىلەن ماھلونغا تەۋە بولغان ھەممىنى نائومىنىڭ قولىدىن ئالغىنىمغا گۇۋاھتۇرسىلەر. 10ئۇنىڭ ئۈستىگە مەرھۇمنىڭ نامى قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ۋە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۆچۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ مىراسىغا ئۇنىڭ نامى بولغان بىرەر ئەۋلادى قالدۇرۇلسۇن ئۈچۈن ماھلوننىڭ ئايالى، موئاب قىزى رۇتنى خوتۇنلۇققا ئالدىم. سىلەر بۈگۈن بۇنىڭغا گۇۋاھتۇرسىلەر، دېدى.  
11دەرۋازىدا تۇرغان ھەممە خەلق بىلەن ئاقساقاللار: ــ بىز گۇۋاھتۇرمىز. پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۆيۈڭگە كىرگەن ئايالنى ئىسرائىلنىڭ جەمەتىنى بەرپا قىلغان راھىلە بىلەن لېياھ ئىككىسىدەك قىلغاي؛ سەن ئۆزۈڭ ئەفراتاھ جەمەتى ئىچىدە باياشات بولۇپ، بەيت-لەھەمدە نام-ئىززىتىڭ زىيادە بولغاي؛    12پەرۋەردىگار ساڭا بۇ ياش چوكاندىن تاپقۇزىدىغان نەسلىڭ تۈپەيلىدىن سېنىڭ جەمەتىڭ تامار يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن پەرەزنىڭ جەمەتىدەك بولغاي! ــ دېدى.
پادىشاھ داۋۇت بوئاز بىلەن رۇتنىڭ ئەۋلادىدۇر
13ئاندىن بوئاز رۇتنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىق قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىپ، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى. 14قىز-ئاياللار نائومىغا: ــ ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا ساڭا ھەمجەمەت-نىجاتكار نەسلىنى ئۈزۈپ قويمىغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! شۇ نەسلىڭنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئىززەت-ئابرۇيلۇق بولغاي! 15ئۇ ساڭا جېنىڭنى يېڭىلىغۇچى ھەم قېرىغىنىڭدا سېنى ئەزىزلىغۇچى بولىدۇ؛ چۈنكى سېنى سۆيىدىغان، ساڭا يەتتە ئوغۇلدىن ئەۋزەل بولغان كېلىنىڭ ئۇنى تۇغدى، ــ دېدى. 16نائومى بالىنى ئېلىپ، باغرىغا باستى ۋە ئۇنىڭغا باققۇچى ئانا بولدى. 17ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ئاياللار «نائومىغا بىر بالا تۇغۇلدى» دەپ، ئۇنىڭغا ئىسىم قويدى. ئۇلار ئۇنىڭغا «ئوبەد» دەپ ئات قويدى. ئۇ يەسسەنىڭ ئاتىسى بولدى، يەسسە داۋۇتنىڭ ئاتىسى بولدى.
داۋۇت پادىشاھ، يەنى داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ نەسەبنامىسى
18پەرەزنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىدەكتۇر: ــ پەرەزدىن ھەزرون تۆرەلدى، 19ھەزروندىن رام تۆرەلدى، رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىنادابتىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، 20ئاممىنادابتىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، 21سالموندىن بوئاز تۆرەلدى، بوئازدىن ئوبەد تۆرەلدى، 22ئوبەدتىن يەسسە تۆرەلدى ۋە يەسسەدىن داۋۇت تۆرەلدى.

Notes


4:1 «ئەي بۇرادەر!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەي، پالانچى-پوكۇنچى!» دېيىلىدۇ. بۇ ئادەم بەلكىم رۇت ۋە نائومىغا قارىتا ھەمجەمەتلىك بۇرچىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلغاچقا، ئۇ بۇ باياندا نامسىز قالغان بولسا كېرەك.

4:5 «موئاب قىزى رۇتنىمۇ ئېلىشىڭ كېرەك» ــ «لاۋ.» 25:25-34 ۋە 47-55گە، ۋە «قان.» 5:25-10غا قاراڭ. «رۇت» 4-باب، 6-12-ئايەتتىكى ئىشلارغا قارىغاندا، بەيت-لەھەمدە «پەرزەنتسىز قالغان قېرىندىشىنىڭ تۇل خوتۇنىنى ئېلىش» توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بەجا كەلتۈرۈلۈۋاتقاندا، قوشۇمچە ماددىلار قوشۇلغان بولسا كېرەك (ئەسلىدىكى قانۇن بەلگىلىمىسى بويىچە، بىرسى پەرزەنتسىز ئۆلگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاكىسى ياكى ئۇكىسى ئۇنىڭ مىراسىغا مىراسخور قالدۇرۇش ئۈچۈن تۇل خوتۇنىنى ئېلىش كېرەك ئىدى؛ بەيت-لەھەمدىكىلەر مۇشۇ بەلگىلىمىگە ئاكا-ئۇكىسىدىن باشقا بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قوشقان ئوخشايدۇ). «يار.» 8:38-10نىمۇ كۆرۈڭ.

4:6 «مەن شۇ ھوقۇقنى ئىشلىتەلمەيمەن» ــ ئۇ كىشى بەلكىم: «ئەگەر رۇتتىن پەرزەنت كۆرسەم، ئۇلار مېنىڭ بالىلىرىم ھېسابلانمايدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار باشقا ئايالىمدىن بولغان پەرزەنتلىرىم بىلەن تەڭ مېنىڭ مىراسىمغا ۋارىس بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىم ئېرىشىدىغان مىراسىنىڭ ئۈلۈشى ئەسلىدىكىدىن ئازلاپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىسا كېرەك؛ شۇڭا ئۇ «ئالمايمەن» دېگەن قارارغا كەلگەن.

4:7 قان. 25‏:7

4:8 «ئۆز كەشىنى سېلىۋەتتى» ــ بۇ كەشنى بوئاز ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ مەزكۇر سودا-سېتىققا ئىسپات بولىدۇ. كەش بەلكىم بىر پارچە يەرنىڭ تەۋەلىكىگە سىمۋول بولۇشى مۇمكىن ئىدى («قان.» 24:11 ۋە 7:25-10نى كۆرۈڭ).

4:10 «شەھەرنىڭ دەرۋازىسى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «شەھەرنىڭ دەرۋازىسى» قەدىمكى زامانلاردا ئاقساقاللار ۋە مۆتىۋەرلەر ئولتۇرىدىغان جاي ئىدى.

4:11 «راھىلە ۋە لېياھ» ــ ياقۇپنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، كۆپ پەرزەنت كۆرگەن.

4:11 يار. 29‏:32-35؛ 30‏:1-25؛ 35‏:17، 18

4:12 يار. 38‏:29؛ 1تار. 2‏:4؛ مات. 1‏:3

4:14 «ھەمجەمەت-نىجاتكار» ــ شۇ «ھەمجەمەت-نىجاتكار» بولسا تۇغۇلغان بالا ئۆزىدۇر. 15-ئايەتنى كۆرۈڭ.

4:16 «باققۇچى ئانا» ــ بەلكىم قانۇن جەھەتتىن بالىنىڭ ئاتاق ئانىسى بولغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

4:17 «ئوبەد» ــ «قۇل»، «خىزمەتكار» دېگەن مەنىدە. «داۋۇت» ــ داۋۇت پادىشاھ.

4:18 1تار. 2‏:5؛ مات. 1‏:3