1
ماتتا
«ماتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» •••• ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامىسى
1بۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ۋە داۋۇتنىڭ ئوغلى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابىدۇر: ــ
2ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى، ئىسھاقتىن ياقۇپ تۆرەلدى، ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئاتىسى بولدى؛ 3يەھۇدادىن تامار ئارقىلىق پەرەز ۋە زەراھ تۆرەلدى؛ پەرەزدىن ھەزرون تۆرەلدى، ھەزروندىن رام تۆرەلدى، 4رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىنادابدىن ناھشون تۆرەلدى، ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى، 5سالموندىن راھاب ئارقىلىق بوئاز تۆرەلدى، بوئازدىن رۇت ئارقىلىق ئوبەد تۆرەلدى، ئوبەدتىن يەسسە تۆرەلدى، 6يەسسەدىن داۋۇت پادىشاھ تۆرەلدى. داۋۇتتىن ئۇرىيانىڭ ئايالى ئارقىلىق سۇلايمان تۆرەلدى، 7سۇلايماندىن رەھوبوئام تۆرەلدى، رەھوبوئامدىن ئابىيا تۆرەلدى، ئابىيادىن ئاسا تۆرەلدى، 8ئاسادىن يەھوشافات تۆرەلدى، يەھوشافاتتىن يەھورام تۆرەلدى، يەھورامدىن ئۇززىيا تۆرەلدى، 9ئۇززىيادىن يوتام تۆرەلدى، يوتامدىن ئاھاز تۆرەلدى، ئاھازدىن ھەزەكىيا تۆرەلدى، 10ھەزەكىيادىن ماناسسەھ تۆرەلدى، ماناسسەھدىن ئامون تۆرەلدى، ئاموندىن يوشىيا تۆرەلدى؛ 11بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندا يوشىيادىن يەكونىياھ ۋە ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى تۆرەلدى. 12بابىلغا سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن، يەكونىياھدىن شېئالتىئەل تۆرەلدى، شېئالتىئەلدىن زەرۇببابەل تۆرەلدى، 13زەرۇببابەلدىن ئابىھۇد تۆرەلدى، ئابىھۇددىن ئېلىئاقىم تۆرەلدى، ئېلىئاقىمدىن ئازور تۆرەلدى، 14ئازوردىن زادوك تۆرەلدى، زادوكتىن ئاقىم تۆرەلدى، ئاقىمدىن ئەلىھۇد تۆرەلدى، 15ئەلىھۇدتىن ئەلىئازار تۆرەلدى، ئەلىئازاردىن ماتتان تۆرەلدى، ماتتاندىن ياقۇپ تۆرەلدى، 16ياقۇپتىن مەريەمنىڭ ئېرى بولغان يۈسۈپ تۆرەلدى؛ مەريەم ئارقىلىق مەسىھ ئاتالغان ئەيسا تۇغۇلدى.
17شۇنداق بولۇپ، ئىبراھىمدىن داۋۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ داۋۇتتىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغىچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان؛ ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىشتىن مەسىھ كەلگۈچە جەمئىي ئون تۆت ئەۋلاد بولغان.
ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى
18ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولدى: ــ ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم يۈسۈپكە ياتلىق بولۇشقا ۋەدە قىلىنغانىدى؛ لېكىن تېخى نىكاھ قىلىنمايلا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى.
19لېكىن ئۇنىڭ بولغۇسى ئېرى يۈسۈپ، دۇرۇس كىشى بولۇپ، ئۇنى جەمئىيەت ئالدىدا خىجالەتكە قالدۇرۇشنى خالىماي، ئۇنىڭدىن ئاستىرتىن ئاجرىشىپ كېتىشنى نىيەت قىلدى.
20ئەمما ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، مانا پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي داۋۇتنىڭ ئوغلى يۈسۈپ، ئايالىڭ مەريەمنى ئۆز ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما؛ چۈنكى ئۇنىڭدا بولغان ھامىلە مۇقەددەس روھتىن كەلگەن. 21ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ دېدى.
22مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان، دېمەك: ــ
23«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ».
24يۈسۈپ ئويغىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ شۇ پەرىشتىسىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى. 25لېكىن مەريەم بوشانغۇچە ئۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىدى. بۇ مەريەمنىڭ تۇنجىسى ئىدى؛ يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى.
Notes
□1:1
«ئەيسا مەسىھنىڭ نەسەبنامە كىتابى» ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم بىرىنچىدىن تۆۋەندىكى «نەسەبنامە»نى (1-16-ئايەتنى) كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىدىن ئۇلار ھەم «ماتتا» كىتابىنىڭ بېشىدا ۋە تولۇق ئىنجىلنىڭ بېشىدا كېلىپ «بۇ كىتاب ئەيسا مەسىھ دەۋرىنىڭ خاتىرىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■1:1
لۇقا 1:31-32
■1:2
يار. 21:2؛ 25:26،35.
□1:3
«يەھۇدادىن تامار ئارقىلىق پەرەز ۋە زەراھ تۆرەلدى» ــ تامار توغرۇلۇق «يار.» 38-بابنى كۆرۈڭ.
■1:3
يار. 38:27، 29؛ رۇت 4:18، 19؛ 1تار. 2:5، 9.
□1:5
«سالموندىن راھاب ئارقىلىق بوئاز تۆرەلدى» ــ راھاب توغرۇلۇق «يەشۇئا» 2-بابنى كۆرۈڭ. «بوئاز رۇت ئارقىلىق ئوبەد تۆرەلدى» ــ رۇت توغرۇلۇق تەۋراتتىكى «رۇت»نى كۆرۈڭ.
■1:6
رۇت 4:22؛ 1سام. 16:1؛ 17:12؛ 1تار. 2:15؛ 12:18.
■1:7
1پاد. 11:43؛ 1تار. 3:10.
□1:8
«يەھوشافاتتىن يەھورام تۆرەلدى» ــ «يەھورام» گرېك تىلىدا قىسقارتىلما شەكىلدە «يورام» بولىدۇ.
□1:11
«بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغاندا...» ــ سۈرگۈن قىلىنىشنىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرلىشىشىغىچە ئون نەچچە يىل جەريان بولغان. ئىسرائىللار تۈركۈم-تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ سۈرگۈن قىلىنغان.
■1:11
1تار. 3:16.
□1:12
«يەكونىياھدىن شېئالتىئەل تۆرەلدى» ــ بۇ قىزىق خەۋەر ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «شېئالتىئەل» گرېك تىلىدا «سالاتىيەل».
■1:12
1تار. 3:17؛ ئەزرا 3:2.
□1:16
«ياقۇپتىن مەريەمنىڭ ئېرى بولغان يۈسۈپ تۆرەلدى» ــ بىزنىڭ پىكرىمىزچە «ماتتا»دا يۈسۈپنىڭ نەسەبنامىسى خاتىرىلىنىدۇ. «لۇقا»دا مەريەمنىڭكى خاتىرىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
□1:18
«لېكىن تېخى نىكاھ قىلىنمايلا،...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار تېخى بىللە بولمايلا».
■1:18
لۇقا 1:27،34.
□1:19
«يۈسۈپ... ئۇنى جەمئىيەت ئالدىدا خىجالەتكە قالدۇرۇشنى خالىماي، ئۇنىڭدىن ئاستىرتىن ئاجرىشىپ كېتىشنى نىيەت قىلدى» ــ ئىبرانىيلار ئارىسىدا يىگىت-قىز بىر-بىرىگە ۋەدىلەشكەن بولسا قانۇن ئالدىدا ئاللىقاچان رەسمىي ئەر-ئايال دەپ ھېسابلىنىدۇ.
□1:21
«ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» ــ «ئەيسا» گرېك تىلىدا «يېسۇس»، ئىبرانىي تىلىدا «يەشۇئا»، مەنىسى «قۇتقۇزغۇچى ياھ» ياكى «ياھ نىجاتتۇر». ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، «ياھ» بولسا «ياھۋەھ» (پەرۋەردىگار)نىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر.
■1:21
لۇقا 1:31؛ روس. 4:12.
□1:22
«مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق دېگەنلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولغان...» ــ ئىنجىلدا، تەۋراتتىكى بېشارەتلەر نەقىل كەلتۈرۈلگىنىدە، ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؛ (1) يۈز بەرگەن ئىش دەل شۇ بېشارەتنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ (مەسىلەن، «مات.» 22:1، 14:4، 17:12، 4:21)؛ (2) يۈز بەرگەن ئىش شۇ بېشارەت ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋەقە ياكى ئىش بولىدۇ (مەسىلەن، 23:2، 35:13)؛ (3) يۈز بەرگەن ئىش شۇ بېشارەتتە كۆرسىتىلگەن ئىشقا بىر مىسال بولىدۇ (مەسىلەن، 17:2). بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن پايدىلىقتۇر.
□1:23
«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىممانۇئېل (مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە») دەپ ئاتايدۇ» ــ «يەش.» 14:7 ۋە «يەش.» 8:8، 10نى كۆرۈڭ.
■1:25
لۇقا 2:21.