ئەيسانىڭ تىرىلىشى
مار. 16‏:1-8؛ لۇقا 24‏:1-12؛ يـۇھ. 20‏:1-10
1شابات كۈنى ئۆتۈپ، ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ ئاتاي دېگەندە، ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم قەبرىنى كۆرۈشكە كەلدى. 2ۋە مانا، يەرلەر تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرەپ كەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئاسماندىن چۈشۈپ، قەبرىگە بېرىپ، تاشنى بىر چەتكە دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى. 3پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى. 4كۆزەتچىلەر ئۇنىڭدىن شۇنچە قورقۇشتىكى، تىترىشىپ، ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى.
5پەرىشتە ئاياللارغا قاراپ:
ــ قورقماڭلار! سىلەرنىڭ كرېستلەنگەن ئەيسانى ئىزدەۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن. 6ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدۈرۈلدى. كېلىڭلار، رەب ياتقان جاينى كۆرۈڭلار؛ 7ئاندىن دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم، ــ دېدى.  
8شۇڭا ئاياللار ھەم قورقۇنچ ھەم زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن دەرھال ئايرىلىپ، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا خەۋەر بېرىشكە يۈگۈرۈشتى. 9ئۇلار مۇخلىسلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشكە يولدا ماڭغاندا، مانا ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ:
ــ سالام سىلەرگە! ــ دېدى. ئۇلارمۇ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى.    10ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا:
ــ قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: گالىلىيەگە بېرىڭلار، دەپ ئۇقتۇرۇڭلار، ئۇلار مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ، ــ دېدى.  
كۆزەتچىلەرنىڭ بايانى
11ئاياللار تېخى يولدا كېتىۋاتقاندا، مانا كۆزەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە كىرىپ، بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى توغرىسىدا باش كاھىنلارغا خەۋەر قىلدى. 12 باش كاھىنلار ئاقساقاللار بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، لەشكەرلەرگە بەك كۆپ پۇل بېرىپ:
13ــ سىلەر: «ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى كېچىسى كېلىپ، بىز ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلاپ ئەكېتىپتۇ» ــ دەڭلار. 14ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئۇنى قايىل قىلىپ سىلەرنى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلايمىز ــ دېدى. 15شۇنداق قىلىپ، لەشكەرلەر پۇلنى ئالدى ۋە ئۆزلىرىگە تاپىلانغاندەك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپ بۈگۈنگىچە يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە.
ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىغا كۆرۈنۈشى
مار. 16‏:14-18؛ لۇقا 24‏:36-49؛ يـۇھ. 20‏:19-23؛ مىس. 1‏:6-8
16ئون بىر مۇخلىس گالىلىيەگە بېرىپ، ئەيسا ئۇلارغا بېكىتكەن تاغقا چىقىشتى. 17ئۇلار ئۇنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى؛ لېكىن بەزىلىرى گۇمانلىنىپ قالدى. 18ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى:
ــ ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. 19شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل ئەللەرنى ئۆزۈمگە مۇخلىس قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ،    20ئۇلارغا مەن سىلەرگە تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.

Notes


28:1 مار. 16‏:1؛ لۇقا 24‏:1؛ يـۇھ. 20‏:1.

28:3 دان. 7‏:9؛ روس. 1‏:10.

28:5 مار. 16‏:6؛ لۇقا 24‏:4.

28:6 مات. 16‏:21؛ 17‏:23؛ 20‏:19؛ مار. 8‏:31؛ 9‏:31؛ 10‏:34؛ لۇقا 9‏:22؛ 18‏:33؛ 24‏:6.

28:7 «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ۋە مانا، ئۇ سىلەردىن ئاۋۋال گالىلىيەگە بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم» ــ پەرىشتە: «گالىلىيەگە بېرىڭلار» دېگەن بولسىمۇ، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ھېچيەرگە بارماي يېرۇسالېمدا تۇرىۋەردى. رەب ئۆزى ئۇلارغا شۇنداق ئەمرنى ئاللىقاچان بەرگەنىدى («مات.» 23:26، «مار.» 28:14نى كۆرۈڭ).

28:7 مات. 26‏:32؛ مار. 16‏:7.

28:8 مار. 16‏:8؛ يـۇھ. 20‏:18.

28:9 «سالام سىلەرگە!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شالوم ئەلەيكۇم» دېيىلىدۇ.

28:9 مار. 16‏:9؛ يـۇھ. 20‏:14.

28:10 «بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: گالىلىيەگە بېرىڭلار، دەپ ئۇقتۇرۇڭلار، ئۇلار مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ» ــ 7-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. مەسىھنىڭ ئۆزى قايتىدىن ئۇلارغا شۇنداق خەۋەر يەتكۈزگىنى بىلەن، ئۇلار يەنىلا بىر مەزگىل يېرۇسالېمدىن چىقماي، گالىلىيەگە بارمايدۇ («مات.» 23:26، 14:28، «ماركۇس» 16-باب، «لۇقا» 24-باب، «يۇھ.» 20-21-بابلارنى كۆرۈڭ).

28:10 روس. 1‏:3؛ 13‏:31؛ 1كور. 15‏:5.

28:14 «ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئۇنى قايىل قىلىپ سىلەرنى ئاۋارىچىلىكتىن ساقلايمىز» ــ رىملىق مۇھاپىزەتچىلەر كۆزەتتە تۇرۇۋېتىپ ئۇخلىسا، دەرھال ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم بولاتتى.

28:16 مات. 26‏:32؛ مار. 14‏:28.

28:18 زەب. 8‏:5-6؛ مات. 11‏:27؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 3‏:35؛ 17‏:2؛ 1كور. 15‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:22؛ ئىبر. 2‏:8.

28:19 «ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا تەۋە قىلىپ چۆمۈلدۈرۈپ...» ــ گرېك تىلىدا: «ئۇلارنى ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامىغا كىرگۈزۈپ چۆمۈلدۈرۈپ،...». بۇنىڭ مەنىسى شۈبھىسىزكى، پەقەت «ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن»لا ئەمەس، بەلكى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق چۆمۈلدۈرۈلگۈچىنىڭ ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىگىمۇ (كىرىپ) چۆمۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ.

28:19 مار. 16‏:15؛ يـۇھ. 15‏:16.

28:20 يـۇھ. 14‏:18.