27
يەھۇدانىڭ ئۆلۈشى
مار. 15:1؛ لۇقا 23:1-2؛ يـۇھ. 18:28-32
1تاڭ ئارقاندىلا، پۈتۈن باش كاھىنلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەتلەشتى. 2ئۇلار ئۇنى باغلاپ ئاپىرىپ، ۋالىي پونتىئۇس پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.
3ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ ئىشلارغا پۇشايمان قىلدى ۋە باش كاھىنلار بىلەن ئاقساقاللارغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى قايتۇرۇپ بېرىپ:
4ــ مەن بىگۇناھ بىر جاننىڭ قېنى تۆكۈلۈشكە ساتقۇنلۇق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، ــ دېدى.
بۇنىڭغا بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ ئۆز ئىشىڭنى بىل! ــ دېيىشتى ئۇلار.
5يەھۇدا كۆمۈش تەڭگىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە چۆرىۋەتتى ۋە ئۇ يەردىن كېتىپ، تالاغا چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.
6باش كاھىنلار كۆمۈش تەڭگىلەرنى يىغىۋېلىپ: ــ
بۇ خۇن تۆلۈمى بولغان تەڭگىلەردۇر، ئۇلارنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام، ــ دېيىشتى. 7ئۇلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، بۇ پۇللار بىلەن ياقا يۇرتلۇقلارغا يەرلىك بولسۇن دەپ، ساپالچىنىڭ بىر پارچە ئېتىزلىقىنى سېتىۋالدى. 8شۇڭا بۇ يەر ھازىرغىچە «قانلىق ئېتىز» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
9شۇ ئىش بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن بۇرۇن ئېيتىلغان مۇنۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ــ
«ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن باھالاپ بېكىتكەن باھاسىنى،
يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئۇلار ئېلىشتى،
10ۋە پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەندەك،
ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى».
ئەيسانىڭ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا سوتلىنىشى
مار. 15:2-5؛ لۇقا 23:3-5؛ يـۇھ. 18:33-38
11ئەمدى ئەيسا ۋالىينىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇلدى. ۋالىي ئۇنىڭدىن:
ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ئېيتقىنىڭدەك، ــ دېدى ئەيسا.
12لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت قىلغاندا، ئۇ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. 13بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنىڭغا:
ــ ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن قىلغان شۇنچە كۆپ شىكايەتلىرىنى ئاڭلىمايۋاتامسەن؟ ــ دېدى. 14بىراق ئۇ پىلاتۇسقا جاۋابەن شىكايەتلەرنىڭ بىرسىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى. ۋالىي بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى.
15ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، ۋالىينىڭ خالايىق تەلەپ قىلغان بىر مەھبۇسنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش ئادىتى بار ئىدى. 16ئەينى ۋاقىتتا، رىملىقلارنىڭ بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇسى زىنداندا ئىدى. 17خالايىق جەم بولغاندا، پىلاتۇس ئۇلاردىن:
ــ كىمنى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى 18(چۈنكى ئۇ باش كاھىن قاتارلىقلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى).
19پىلاتۇس «سوراق تەختى»دە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئۇ ھەققانىي كىشىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمىغىن. چۈنكى تۈنۈگۈن كېچە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن چۈشۈمدە كۆپ ئازاب چەكتىم، ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.
20لېكىن باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار بولسا خالايىقنى ماقۇل قىلىپ، بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئەيسانى يوقىتىشنى تەلەپ قىلدۇردى.
21ۋالىي جاۋابەن ئۇلاردىن يەنە:
ــ سىلەرگە بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالايسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
بارابباسنى، ــ دېيىشتى ئۇلار.
22پىلاتۇس ئەمدى: ــ ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ ــ دېدى.
ھەممەيلەن:
ــ ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دېيىشتى.
23پىلاتۇس:
ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
بىراق ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ:
ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دەپ تۇرۇۋېلىشتى. 24پىلاتۇس سۆزلىۋېرىشنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، بەلكى بۇنىڭ ئورنىغا مالىمانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ:
ــ بۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەسمەن، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! ــ دېدى.
25پۈتۈن خەلق جاۋابەن:
ــ ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىگە چۈشسۇن! ــ دېيىشتى.
26بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قاتتىق قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەشكە لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.
لەشكەرلەرنىڭ ئەيسانى مازاق قىلىشى
مار. 15:16-20؛ يـۇھ. 19:2-3
27ئاندىن ۋالىينىڭ لەشكەرلىرى ئەيسانى ئۇنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغدى. 28ئۇلار ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا پەرەڭ رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى. 29تىكەنلىك شاخچىلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ: «ياشىغايلا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ مازاق قىلىشتى. 30ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشتى، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى. 31ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى.
ئەيسانىڭ كرېستلىنىشى
مار. 15:21-32؛ لۇقا 23:26-39؛ يـۇھ. 19:17-19
32ئۇلار تاشقىرىغا چىققىنىدا، كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. 33ئۇلار گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە كەلگەندە، 34 ئەيساغا ئىچىش ئۈچۈن كەكرە سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى تېتىپ باققاندىن كېيىن، ئىچكىلى ئۇنىمىدى.
35لەشكەرلەر ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالدى. 36ئاندىن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا كۆزەتچىلىك قىلدى. 37ئۇلار ئۇنىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە «بۇ ئەيسا، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىلغان شىكايەتنامە تاختىيىنى بېكىتتى.
38 ئەيسا بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى.
39بۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ئۇنى ھاقارەتلەپ:
40ــ قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم، ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزە! خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! ــ دېيىشتى.
41باش كاھىنلارمۇ، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار بىلەن بىرگە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ:
42ــ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىمىش! ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز. 43ئۇ خۇداغا تايانغان! خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، ھازىر قۇتقۇزۇپ باققاي! چۈنكى ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، ــ دېيىشتى. 44ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەن قاراقچىلارمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى.
ئەيسانىڭ ئۆلۈمى
مار. 15:33-41؛ لۇقا 23:44-49؛ يـۇھ. 19:28-30
45ئەمدى كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتىدىن توققۇزىنچى سائىتىگىچە پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. 46توققۇزىنچى سائەتلەردە ئەيسا يۇقىرى ئاۋازدا: «ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى.
47ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ:
بۇ ئادەم ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى.
48ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئاچچىق شارابقا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ قويدى.
49بىراق باشقىلار:
ــ توختا! قاراپ باقايلى، ئىلياس پەيغەمبەر كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالارمىكىن؟ ــ دېيىشتى.
50ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى.
51ۋە مانا، شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. يەر-زېمىن تەۋرىنىپ، تاشلار يېرىلىپ، 52-53قەبرىلەر ئېچىلدى (ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار قەبرىلەردىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى).
54ئەمدى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ھەم يېنىدىكى لەشكەرلەر يەرنىڭ تەۋرىشىنى ۋە باشقا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشۇپ:
ــ ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! ــ دېيىشتى.
55ئۇ يەردە يەنە بۇ ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرغان نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئەسلىدە ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. 56ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگداللىق مەريەم، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى.
ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى
مار. 15:42-47؛ لۇقا 23:50-56؛ يـۇھ. 19:38-42
57كەچقۇرۇن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر باي كەلدى. ئۇمۇ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى. 58ئۇ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس جەسەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشقا ئەمر قىلدى. 59يۈسۈپ جەسەتنى ئېلىپ، پاكىز كاناپ رەخت بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى 60ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن قىيادا ئويدۇرغان يېڭى قەبرىسىگە قويدى. ئاندىن قەبرىنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر تاشنى دومىلىتىپ قويۇپ، كېتىپ قالدى 61(شۇ چاغدا ماگداللىق مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەممۇ ئۇ يەردە، قەبرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراتتى).
قەبرىنى مۇھاپىزەت قىلىش
62ئەمدى ئەتىسى، يەنى «تەييارلاش كۈنى» ئۆتكەندىن كېيىن، باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر جەم بولۇشۇپ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
63ــ جانابلىرى، ھېلىقى ئالدامچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە بار. 64شۇنىڭ ئۈچۈن، قەبرى ئۈچىنچى كۈنىگىچە مەھكەم قوغدىلىشى ئۈچۈن ئەمر بەرگەيسىز. ئۇنداق قىلىنمىسا، مۇخلىسلىرى كېلىپ جەسەتنى ئوغرىلاپ كېتىپ، ئاندىن خەلققە: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدى» دېيىشى مۇمكىن. بۇنداق ئالدامچىلىق ئالدىنقىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ، ــ دېيىشتى.
65پىلاتۇس ئۇلارغا:
ــ بىر گۇرۇپپا كۆزەتچى لەشكەرنى سىلەرگە تاپشۇردۇم. قەبرىنى قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە مەھكەم قوغداڭلار، ــ دېدى. 66شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆزەتچى لەشكەرلەر بىلەن بىللە بېرىپ، تاشنى پېچەتلەپ، قەبرىنى مۇھاپىزەت ئاستىغا قويدى.
Notes
■27:1
زەب. 2:2؛ مار. 15:1؛ لۇقا 22:66؛ 23:2؛ يـۇھ. 18:28.
■27:2
روس. 3:13.
□27:5
«يەھۇدا... تالاغا چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى» ــ «تالاغا چىقىپ» بەلكىم شەھەرنىڭ سىرتىغا بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ.
■27:5
2سام. 17:23؛ روس. 1:18.
□27:6
«بۇ خۇن تۆلۈمى بولغان تەڭگىلەردۇر، ئۇلارنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام» ــ «ھارام» ــ مۇشۇ يەردە، تەۋراتتا چەكلەنگەن، دېمەك.
□27:7
«ساپالچىنىڭ بىر پارچە ئېتىزلىقىنى سېتىۋالدى» ــ ياكى ««ساپالچىنىڭ ئېتىزلىقى»نى سېتىۋالدى» ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، «ساپالچىنىڭ ئېتىزلىقى» ھەممە ئادەمگە مەلۇم بولغان بىر يەرنىڭ ئىسمى ئىدى.
■27:7
روس. 1:19.
■27:9
زەك. 11:12.
□27:10
«ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن باھالاپ بېكىتكەن باھاسىنى، يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئۇلار ئېلىشتى، ۋە پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلغاندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى» ــ بۇ بېشارەتلىك سۆزلەر (9-10-ئايەتلەر)نىڭ كۆپىنچىسى «زەكەرىيا» 12:11-13دىن ئېلىنغان. ئەمدى نېمىشقا ماتتا بۇ سۆزلەرنى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭكى دەيدۇ؟ بىز بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 10-9-ئايەتلەرنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... تەڭگىنى مەن ئالدىم، ۋە ئۇلار پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلغاندەك، ساپالچىنىڭ ئېتىزىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى».
■27:10
يەر. 32:6-9؛ زەك. 11:12 ،13
□27:11
«ئەيسا... «ئېيتقىنىڭدەك»، دېدى» ــ مەسىھنىڭ «ئېيتقىنىڭدەك» دېگەن جاۋابىنىڭ گرېك تىلىدا «شۇنداق، لېكىن ئەھۋال دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ.
■27:11
مار. 15:2؛ لۇقا 23:3؛ يـۇھ. 18:33.
■27:13
مات. 26:62.
■27:14
يەش. 53:7؛ روس. 8:32.
■27:15
مار. 15:6؛ لۇقا 23:17؛ يـۇھ. 18:39.
□27:16
«بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇس» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئەيسا بارابباس ئىسىملىك ئاتىقى چىققان بىر مەھبۇس» دېيىلىدۇ.
■27:16
مار. 15:7؛ لۇقا 23:19؛ يـۇھ. 18:40.
□27:17
«بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟» ــ ياكى «ئەيسا بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟».
□27:19
«چۈنكى تۈنۈگۈن كېچە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن چۈشۈمدە كۆپ ئازاب چەكتىم» ــ ياكى «چۈنكى ئۇ تۈنۈگۈن كېچە چۈشۈمگە كىرىپ، كۆپ ئازابلاندىم».
■27:20
مار. 15:11؛ لۇقا 23:18؛ يـۇھ. 18:40؛ روس. 3:14.
■27:25
روس. 5:28.
□27:26
«ئەيسانى بولسا قاتتىق قامچىلاتقاندىن كېيىن...» ــ رىم ئىمپېرىيەسىدە جازا قامچىلىرى بىرنەچچە تاسمىلىق بولۇپ، ھەربىر تاسمىسىغا قوغۇشۇن ۋە ئۇستىخان پارچىلىرى باغلانغان بولىدۇ. قامچىلىغان ۋاقتىدا جازاغا تارتىلغۇچى يالىڭاچلىنىپ، يەرگە تىزلاندۇرۇلۇپ، ئىككى يېنىدا تۇرغان لەشكەر ئۇنى قامچىلايتتى.
□27:27
«ۋالىينىڭ لەشكەرلىرى ئەيسانى ۋالىينىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ» ــ «ۋالىينىڭ ئوردىسى» گرېك (لاتىن) تىلىدا «پرايتورىئۇم» دېيىلىدۇ. «پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغدى» ــ «لەشكەرلەر توپى» (گرېك تىلىدا «كوھورت») 500-600 كىشىدىن تەركىب تاپقان.
■27:27
مار. 15:16؛ يـۇھ. 19:2.
□27:28
«ئۇلار ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا پەرەڭ رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى» ــ «پەرەڭ رەڭلىك» (ياكى سۆسۈن رەڭلىك) شۇ چاغدا شاھانە كىيىمنىڭ رەڭگى شۇنداق ئىدى («مار.» 17:15، «يۇھ.» 2:19نى كۆرۈڭ). ئۇلار شۇ «شاھانە تون» ئارقىلىق ئەيسانى «پادىشاھ بولامسەن؟!» دەپ مازاق قىلماقچى.
□27:29
«ئۇلار... تىكەنلىك شاخچىلارنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى» ــ ئۇلار قومۇشنى پادىشاھنىڭ شاھانە ھاسىسى سۈپىتىدە مازاق قىلىپ قولىغا تۇتقۇزغان.
□27:32
«...كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ ئەيسانىڭ كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى» ــ «ئەيسانىڭ كرېستى» ــ ئەيسا ئۆزىنى جازالايدىغان قورال بولغان شۇ كرېست (چاپراس ياغاچ)نى ئەسلىدە ئۆزى يۈدۈپ مېڭىشى كېرەك ئىدى. ئۇ شۇنداق قاتتىق قامچىلانغانكى، ھالسىراپ، يۈدۈپ ماڭالمىغان بولسا كېرەك.
■27:32
مار. 15:21؛ لۇقا 23:26.
■27:33
مار. 15:22؛ لۇقا 23:33؛ يـۇھ. 19:17.
□27:34
«...ئەيساغا ئىچىش ئۈچۈن كەكرە سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى» ــ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كرېستكە مىخلىنىدىغانلارغا ئاغرىقنى پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بېرىلىدىكەن.
■27:34
زەب. 69:21
■27:35
زەب. 22:18؛ مار. 15:24؛ يـۇھ. 19:23.
■27:37
مار. 15:26؛ لۇقا 23:38؛ يـۇھ. 19:19.
■27:38
يەش. 53:12.
■27:39
زەب. 22:8-9؛ 69:19-20؛ مار. 15:29؛ لۇقا 23:35.
■27:40
مات. 26:61؛ يـۇھ. 2:19.
□27:43
«ئۇ خۇداغا تايانغان! خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، ھازىر قۇتقۇزۇپ باققاي!» ــ «زەب.» 8:22نى كۆرۈڭ.
□27:45
«كۈننىڭ ئالتىنچى سائىتىدىن توققۇزىنچى سائىتىگىچە» ــ ھازىرقى ۋاقىت سىستېمى بويىچە، «چۈش ۋاقتى، سائەت ئون ئىككىدىن سائەت ئۈچكىچە».
■27:45
مار. 15:33؛ لۇقا 23:44.
□27:46
«توققۇزىنچى سائەتلەردە ...» ــ ھازىرقى ۋاقىت بويىچە سائەت ئۈچلەردە. ««ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟»» ــ (ئارامىي تىلىدىكى سۆزلەر) «زەب.» 1:22نى كۆرۈڭ.
■27:46
زەب. 22:1-2؛ ئىبر. 5:7.
■27:48
زەب. 69:21؛ يـۇھ. 19:29.
□27:50
«ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى» ــ ئۇنىڭ قاتتىق ۋارقىرىشى: «تامام بولدى!» دېگەن بولسا كېرەك («يۇھ.» 30:19نى كۆرۈڭ).
■27:50
زەب. 31:5؛ لۇقا 23:46
□27:51
«شۇ دەقىقىدە ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى» ــ بۇ پەردە ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى مۇقەددەس جايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ يىرتىلىشى ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولىنىڭ ئەيسانىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى سىرتتىكى ھويلىدىن ئايرىيدىغان يەنە بىر «سىرتقى پەردە» بار ئىدى، لېكىن بۇنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئادەتتە باشقا ئاتالغۇ ئىشلىتىلىدۇ).
■27:51
2تار. 3:14؛ مار. 15:38؛ لۇقا 23:45.
□27:52-53
««مۇقەددەس شەھەر»» ــ يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ. «قەبرىلەر ئېچىلدى (ئۇ تىرىلگەندىن كېيىن، ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار قەبرىلەردىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى)» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «قەبرىلەر ئېچىلدى، ئۆلۈمدە ئۇخلاۋاتقان نۇرغۇن مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ تەنلىرىمۇ تىرىلدى؛ ئۇلار ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن قەبرىلىرىدىن چىقىپ، مۇقەددەس شەھەرگە كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى». لېكىن «1كور.» 20:15گە ئاساسەن («مەسىھ ئۆلۈمدە ئۇخلىغانلار ئىچىدىن خۇددى تۇنجى ھوسۇلنىڭ مېۋىسىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلگەندۇر») تەرجىمىمىز توغرا بولسا كېرەك.
■27:54
مار. 15:39؛ لۇقا 23:47.
■27:55
زەب. 38:11؛ مار. 15:40؛ لۇقا 8:2؛ 23:49.
■27:57
مار. 15:42؛ لۇقا 23:50؛ يـۇھ. 19:38.
■27:60
مار. 15:46؛ لۇقا 23:53.
□27:62
«ئەمدى ئەتىسى، يەنى «تەييارلاش كۈنى» ئۆتكەندىن كېيىن، باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەر جەم بولۇشۇپ پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ...» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتلاردا كۆرسەتكىنىمىزدەك، يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن «كۈن» ئەمەلىيەتتە كەچتە (سائەت ئالتىدە) باشلىنىدۇ. «تەييارلاش كۈنى» ــ «شابات كۈنى (دەم ئېلىش كۈنى) ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىغان كۈن»نى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئايەتتىكى «ئەتىسى» ئەمەلىيەتتە شابات كۈنىنىڭ بېشىنى، يەنى شۇ كەچ سائەت ئالتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ «كاھىنلار» ئەيسانىڭ بېشارەت سۆزلىرىنى توسۇش ئۈچۈن جىددىيلىشىپ، ئۆزلىرى قەدىرلەيدىغان شابات كۈنىدىكى «دەم ئېلىش» ئادىتىنى بۇزماقتا ئىدى.
■27:63
مات. 16:21؛ 17:23؛ 20:19؛ مار. 8:31؛ 10:34؛ لۇقا 9:22؛ 18:33؛ 24:6.