3
چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ تەلىم بېرىشى
مار. 1:1-8؛ لۇقا 3:1-9؛ 15-17؛ يـۇھ. 1:19-28
1شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيەدىكى چۆل-باياۋانغا كېلىپ 2كىشىلەرگە:
ــ توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى! ــ دەپ جاكارلاشقا باشلىدى. 3چۈنكى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولسا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر بېشارىتىدە كۆرسەتكەن كىشىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ: ــ
«باياۋاندا توۋلايدىغان بىر كىشىنىڭ:
رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار،
ئۇنىڭ چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ».
4يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن قىلىنغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى بولسا چېكەتكىلەر بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. 5ئەمدى يېرۇسالېم شەھىرى، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى ۋە پۈتكۈل ئىئوردان دەريا ۋادىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، 6گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.
7لېكىن پەرىسىي ۋە سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەردىن كۆپلىرىنىڭ ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇ ئۇلارغا:
ــ ئەي يىلانلارنىڭ بالىلىرى! كىم سىلەرنى خۇدانىڭ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟!
8ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىنى كەلتۈرۈڭلار! 9ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال قىلىپ يۈرمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى ئاپىرىدە قىلالايدۇ.
10پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى؛ ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەرقايسى دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. 11مەن دەرۋەقە سىلەرنى توۋا قىلىشىڭلار ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن مەندىن كېيىن كەلگۈچى زات مەندىن قۇدرەتلىكتۇر. مەن ھەتتا ئۇنىڭ كەشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن؛ ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. 12ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى توپا-ساماندىن تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى.
ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى
مار. 1:9-11؛ لۇقا 3:21-22
13شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا يەھيادىن چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن گالىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 14بىراق يەھيا چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي ئۇنى توسۇپ:
ــ ئەسلى چۆمۈلدۈرۈلۈشنى مەن سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى، بىراق سەن مېنىڭ ئالدىمغا كەپسەنغۇ؟ ــ دېدى.
15لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھازىرچە شۇنىڭغا يول قويغىن؛ چۈنكى ھەققانىيلىقنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن، يەھيا ئۇنىڭغا يول قويدى. 16ۋە ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولۇپلا، سۇدىن چىقتى؛ ئۇ سۇدىن چىقىشى بىلەن مانا، ئەرشلەر ئۇنىڭغا ئېچىلىپ، خۇدانىڭ روھى كەپتەر قىياپىتىدە ئەرشتىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 17ۋە مانا، ئەرشتىن بىر ئاۋاز: ــ «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن تولۇق خۇرسەنمەن!» ــ دەپ ئاڭلاندى.
Notes
□3:1
«شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيەدىكى چۆل-باياۋانغا كېلىپ...» ــ «يەھيا» ئىبرانىي ۋە گرېك تىللىرىدا «يۇھاننا» («پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتى» دېگەن مەنىدە) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «يەھيا» دېگەن ئىسىم ئوقۇرمەنلەرگە مۇشۇ شەكلىدە تونۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇشۇ تەرجىمىدە ئىشلەتتۇق («يەھيا» ئەسلى ئەرەبچە سۆز ئىدى).
■3:1
مار. 1:4؛ لۇقا 3:3.
□3:2
«... ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» ــ ئىنجىلدا باشتىن-ئاخىر «ئەرش پادىشالىقى» ياكى «ئاسماننىڭ پادىشاھلىقى» دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. گرېك تىلىدا دائىم «ئاسمانلارنىڭ پادىشاھلىقى» دېگەن شەكلىدە ئېلىنىدۇ.
□3:3
«باياۋاندا توۋلايدىغان بىر كىشىنىڭ: رەبنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار! ــ دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ» ــ «يەش.» 3:40.
■3:3
يەش. 40:3؛ مار. 1:3؛ لۇقا 3:4؛ يـۇھ. 1:23.
■3:4
مار. 1:6.
□3:6
«... يەھيانىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى» ــ بۇ يەردە ئېيتىلغان چۆمۈلدۈرۈش كىشىلەرنىڭ: (1) ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلىقىنى؛ (2) خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا ۋە شۇنداقلا (3) قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشىنى ئىپادىلەيتتى (ئاخىرقى نۇقتا ئىنجىلدىكى كېيىنكى مەزمۇندا ئىسپاتلىنىدۇ).
■3:6
مار. 1:5.
□3:7
«لېكىن پەرىسىي ۋە سادۇقىي مەزھىپىدىكىلەردىن كۆپلىرىنىڭ ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەن...» ــ «پەرىسىي» ۋە «سادۇقىي» توغرۇلۇق: ــ يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى ئىككى مەزھەپنىڭ كىشىلىرى. تەبىرلەردىكى «پەرىسىي» ۋە «سادۇقىي»غا قارالسۇن. «كىم سىلەرنى خۇدانىڭ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان غەزىپىدىن قېچىڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؟!» ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ، ئەلۋەتتە؛ مەنىسى بەلكىم «توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!».
■3:7
مات. 12:34؛ 23:33؛ لۇقا 3:7.
□3:8
«ئەمدى توۋىغا لايىق مېۋىنى كەلتۈرۈڭلار!» ــ «توۋىغا لايىق مېۋە» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■3:8
لۇقا 3:8.
□3:9
«ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال قىلىپ يۈرمەڭلار!» ــ «ئاتىمىز ئىبراھىم باردۇر!» ــ دېمەك، «بىز ئۇلۇغ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان «ئۇلۇغ يەھۇدىي مىللىتى»، «بىز ھېچنېمە قىلمىساقمۇ خۇدا ئالدىدا «ئۇنىڭغا خاس ئالاھىدە ھەلق» بولىۋېرىمىز» دېگەن پوزىتسىيىنى بىلدۈرىدۇ.
■3:9
يـۇھ. 8:39.
□3:10
«پالتا ئاللىقاچان دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىغا تەڭلەپ قويۇلدى» ــ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ سۆزى ۋە 12-ئايەتتىكى كېيىنكى بېشارىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. ئۇنىڭ شۇ بايانى «خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا» دېگەن ئاساسىي مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
■3:10
مات. 7:19؛ يـۇھ. 15:6.
■3:11
مار. 1:7؛ لۇقا 3:16؛ يـۇھ. 1:15،26؛ روس. 1:5؛ 11:16؛ 19:4.
■3:13
مار. 1:9؛ لۇقا 3:21.
□3:16
«ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بولۇپلا، سۇدىن چىقتى...» ــ نېمىشقا ئەيسا يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى؟ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بۇ توغرۇلۇق ئازراق توختىلىمىز. «خۇدانىڭ روھى كەپتەر قىياپىتىدە ئەرشتىن چۈشۈپ..» ــ ياكى «... پاختەك قىياپىتىدە چۈشۈپ...». گرېك تىلىدا بۇ قۇش «پېرىستېرا» دەپ ئاتىلىدۇ. «پېرىستېرا» گرېك تىلىدا ھەم كەپتەرنى ھەم پاختەكنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
■3:16
يەش. 11:2؛ 42:1؛ يـۇھ. 1:32.
■3:17
يەش. 42:1؛ مات. 12:18؛ 17:5؛ مار. 1:11؛ لۇقا 9:35؛ كول. 1:13؛ 2پېت. 1:17.