ئەيسانىڭ پالەچ كېسەلنى كەچۈرۈم قىلىشى ۋە ساقايتىشى
مار. 2‏:1-12؛ لۇقا 5‏:17-26
1شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېمىگە چۈشۈپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۆزى تۇرغان شەھەرگە قايتىپ كەلدى.   2ۋە مانا، كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ ھېلىقى پالەچكە:
ــ ئوغلۇم، يۈرەكلىك بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى.
3ئاندىن مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى كۆڭلىدە: «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ!» دەپ ئويلىدى.
4ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا:
ــ نېمە ئۈچۈن كۆڭلۈڭلاردا رەزىل ئويلاردا بولىسىلەر؟ 5«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ــ دېدى ۋە يەنە ئۇلارغا: ــ 6ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ
ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، ــ دېدى.
7ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى. 8بۇنى كۆرگەن توپ-توپ ئادەملەر قورقۇشۇپ، ئىنسانلارغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.
ئەيسانىڭ ماتتانى مۇخلىسلىققا چاقىرىشى
مار. 2‏:13-17؛ لۇقا 5‏:27-32
9ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئالدىغا كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان، ماتتا ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ ئۇنىڭغا:
ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى.
ۋە ماتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
10ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا ماتتانىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارمۇ كىرىپ، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. 11بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا:
ــ ئۇستازىڭلار نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىدۇ؟! ــ دېدى.
12بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەيسا:
ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر. 13سىلەر بېرىپ مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ئىزدەيدىغىنىم قۇربانلىقلار ئەمەس، بەلكى رەھىم-شەپقەت» دېيىلگەن شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار؛ چۈنكى مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، دېدى.  
يېڭى كونىدىن ئۈستۈندۇر
مار. 2‏:18-22؛ لۇقا 5‏:33-39
14شۇ ۋاقىتلاردا، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مۇخلىسلىرى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:
ــ نېمىشقا بىز ۋە پەرىسىيلەر پات-پات روزا تۇتىمىز، لېكىن سىزنىڭ مۇخلىسلىرىڭىز تۇتمايدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
15ئەيسا جاۋابەن:
ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇغان چاغدا، توي مېھمانلىرى ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ.  
16ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق كىرىشىپ، كىيىمنى تارتىپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. 17شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، شارابنىڭ ئېچىشى بىلەن تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلايدۇ؛ شۇنداق قىلغاندا، ھەر ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ.
ئەيسا بىر قىز تىرىلدۈرىدۇ، بىر ئايال ساقايتىدۇ
مار. 5‏:21-43؛ لۇقا 8‏:40-56
18ئۇ يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، مانا بىر ھۆكۈمدار كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باش ئۇرۇپ:
ــ مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى؛ ئەمما سىز بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ تىرىلىدۇ، دېدى.  
19ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
20ۋە مانا، يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ئەيسانىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىدى. 21چۈنكى ئۇ ئىچىدە «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى.
22ئەمما ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنى كۆرۈپ:
ــ قىزىم، يۈرەكلىك بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال شۇ سائەتتە ساقايدى.  
23ئەمدى ئەيسا ھېلىقى ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا تۇتۇپ ۋايساۋاتقان كىشىلەر توپىنى كۆرۈپ، 24ئۇلارغا:
ــ چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، بەلكى ئۇخلاۋاتىدۇ، دېدى.
شۇنى ئاڭلاپ كۆپچىلىك ئۇنى مەسخىرە قىلدى. 25كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، قىز ئورنىدىن تۇردى. 26بۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يۇرتتا پۇر كەتتى.
كور ۋە گاچا كىشىلەرنىڭ ساقايتىلىشى
27ئەيسا ئۇ يەردىن چىققاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ:
ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! ــ دەپ نىدا قىلىشتى.
28ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شۇ ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا ئۇلاردىن:
ــ سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
29ئۇ قولىنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:
ــ ئىشەنچىڭلار بويىچە بولسۇن! دېۋىدى، 30ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ئەيسا ئۇلارغا:
بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماڭلار! دەپ قاتتىق تاپىلىدى. 31لېكىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىنى پۈتكۈل يۇرتقا يېيىۋەتتى.
32ئۇلار چىقىپ كېتىۋاتقاندا، كىشىلەر جىن چاپلاشقان بىر گاچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 33ئۇنىڭغا چاپلاشقان جىننىڭ ھەيدىلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ئىنتايىن ھەيرانۇھەس بولۇپ:
ــ بۇنداق ئىش ئىسرائىلدا زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ــ دېيىشتى.
34لېكىن پەرىسىيلەر:
ــ ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرىگە تايىنىپ قوغلايدىكەن، دېيىشتى.
ئەيسانىڭ خەلققە ئىچىنى ئاغرىتىشلىرى
35ۋە ئەيسا بارلىق شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلىدى ۋە ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ھەرخىل مېيىپ-ئاجىزلارنى ساقايتتى. 36لېكىن ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار خارلىنىپ پادىچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز ئىدى. 37شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇخلىسلىرىغا:
ــ ھوسۇل دەرۋەقە كۆپ ئىكەن، بىراق ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن. 38شۇڭا ھوسۇلنىڭ ئىگىسىدىن، ئۆز ھوسۇلىڭنى يىغىۋېلىشقا ئىشلەمچىلەرنى جىددىي ئەۋەتكەيسەن، دەپ تىلەڭلار، ــ دېدى.

Notes


9:1 «ئۆزى تۇرغان شەھەر» ــ كەپەرناھۇمنى دېمەكچى.

9:1 مار. 2‏:3؛ لۇقا 5‏:18؛ روس. 9‏:33.

9:3 زەب. 32‏:5؛ يەش. 43‏:25.

9:9 مار. 2‏:14؛ لۇقا 5‏:27.

9:10 «مېھمان بولۇپ داستىخاندا ئولتۇرغاندا...» ــ گرېك تىلىدا «مېھمان بولۇپ داستىخاندا ياتقاندا». شۇ چاغدىلاردا كىشىلەر داستىخان سېلىنغان شىرە ئەتراپىدا يانپاشلاپ ياتقان ھالدا غىزالىشاتتى. «نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار» ــ «باجگىرلار» ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار. «گۇناھكارلار» ــ تەۋرات-ئىنجىل بويىچە ھەربىر ئادەم گۇناھكار، ئەلۋەتتە. لېكىن مۇشۇ ئايەتتىكى «گۇناھكارلار» دېگەن سۆز، ھالى چوڭ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە «گۇناھكارلار» دەپ ئاتالغان باجگىرلار، پاھىشە ئاياللار، ھەتتا ساۋاتسىز كىشىلەر قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.

9:13 «سىلەر بېرىپ مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «... » دېيىلگەن شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار ــ «سىلەر بېرىپ: «پالانى-پالانى سۆزلەر»نى ئۆگىنىڭلار» دېگەن سۆزلەر يەھۇدىي تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ باشقىلارغا يوليورۇق كۆرسەتكەندە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىبارىلىرىنىڭ بىرى. مەسىھنىڭ بۇنى ئىشلىتىشى چوقۇم ئۇلارنى رەنجىتتى. خۇدانىڭ بۇ بېشارىتى تەۋراتتا، «ھوش.» 6:6دە تېپىلىدۇ. «... ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم» ــ مەسىھنىڭ مۇشۇ سۆزىدە «گۇناھكارلار» دېگىنى ئۆزلىرىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتكەنلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھكاردۇر. «ھەققانىيلار» ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ھېسابلىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەسىھ ئۇلارنى چاقىرالمايتتى.

9:13 ھوش. 6‏:6؛ مىك. 6‏:8؛ مات. 12‏:7؛ مار. 2‏:17؛ لۇقا 5‏:32؛ 19‏:10؛ 1تىم. 1‏:15.

9:14 مار. 2‏:18؛ لۇقا 5‏:33.

9:15 «توي مېھمانلىرى» ــ گرېك تىلىدا «مەرىكە زالىنىڭ پەرزەنتلىرى» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر ئەيسانىڭ ئۆز «مېھمانلاردىن ئېلىپ كېتىلىشى»، يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە قايغۇ-ھەسرەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق بىر بېشارىتىدۇر.

9:15 2كور. 11‏:2.

9:16 «ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ» ــ يېڭى رەخت كىرىشىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە.

9:17 مار. 2‏:22.

9:18 «مانا بىر ھۆكۈمدار كېلىپ..» ــ بۇ «ھۆكۈمدار» سىناگوگنىڭ چوڭى ئىدى («مار.» 22:5نى كۆرۈڭ). «مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى» ــ باشقا بىر تەرجىمىسى: «قىزىم بۇ ۋاققىچە ئۆلگەن بولسا كېرەك،...».

9:18 مار. 5‏:22؛ لۇقا 8‏:41.

9:20 لاۋ. 15‏:25؛ مار. 5‏:25؛ لۇقا 8‏:43.

9:22 «قىزىم، يۈرەكلىك بول» ــ مەسىھنىڭ «يۈرەكلىك بول» دېگىنىگە قارىغاندا، ئايال بەك قورققان. نېمىشقا؟ ئۇنىڭدا خۇن تەۋرەش كېسىلى بولغانلىقى ئۈچۈن، تەۋرات قانۇنى بويىچە ئۆزى تەگكەن بارلىق كىشىلەرنى «ناپاك» قىلغان بولىدۇ (يەنى، ئۇنىڭغا تېگىپ كەتكەنلەر ئىبادەتخانىغا كىرىشكە، قۇربانلىق قىلىشقا ۋاقىتلىق لاياقەتسىز بولاتتى). شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەتراپتىكى خالايىقنىلا ناپاك قىلىپلا قالماي، بەلكى مەسىھنىڭ ئۆزىنىمۇ «ناپاك» قىلغان بولاتتى.

9:22 مار. 5‏:38؛ لۇقا 8‏:51.

9:23 مار. 5‏:38؛ لۇقا 8‏:51.

9:24 يـۇھ. 11‏:11.

9:27 «ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز!» ــ پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرى بويىچە، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ «داۋۇتنىڭ ئەۋلادى» بولۇشى كېرەك. شۇڭا يەھۇدىيلار ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ ئوغلى» دېگەن بۇ نام مەسىھنى كۆرسىتەتتى.

9:30 مات. 12‏:16؛ لۇقا 5‏:14.

9:31 مار. 7‏:36.

9:32 مات. 12‏:22؛ لۇقا 11‏:14.

9:34 مات. 12‏:24؛ مار. 3‏:22؛ لۇقا 11‏:15.

9:35 مار. 6‏:6؛ لۇقا 13‏:22.

9:36 يەر. 23‏:1؛ ئ‍ەز. 34‏:2؛ مار. 6‏:34.

9:37 لۇقا 10‏:2؛ يـۇھ. 4‏:35.

9:38 2تېـس. 3‏:1.