15
ئەنئەنىمىز مۇھىممۇ ياكى خۇدانىڭ ئەمرى مۇھىممۇ ــ ئىنساننى نېمە ناپاك قىلىدۇ؟
مار. 7:1-23
1بۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ۋە پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدىن كېلىپ ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: 2ــ مۇخلىسلىرىڭ نېمىشقا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە خىلاپلىق قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار قوللىرىنى يۇماي تاماق يەيدىكەنغۇ، ــ دېدى.
3لېكىن ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ سىلەرچۇ، سىلەر نېمىشقا ئەنئەنىمىزنى ساقلايمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ 4چۈنكى خۇدا: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. 5لېكىن سىلەر: ــ ھەرقانداق كىشى «ئاتىسى ياكى ئانىسىغا: ــ مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان خۇداغا ئاتىۋەتتىم ــ دېسىلا، 6ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت-ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ، ــ دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار. 7ئەي ساختىپەزلەر! يەشايا پەيغەمبەر بەرگەن مۇشۇ بېشارەت توپتوغرا سىلەر توغرۇلۇق ئىكەن: ــ
8«مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن،
بىراق قەلبى مەندىن يىراق.
9ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس».
ھەقىقىي ناپاكلىق
10ئاندىن ئۇ خالايىقنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا:
ــ قۇلاق سېلىڭلار ھەم شۇنى چۈشىنىڭلاركى، 11ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئاغزىدىن كىرىدىغىنى ئەمەس، بەلكى ئاغزىدىن چىقىدىغىنىدۇر، ــ دېدى.
12كېيىن مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ سېنىڭ بۇ سۆزۈڭنى پەرىسىيلەر ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ رەنجىگەنلىكىنى بىلدىڭمۇ؟ ــ دېدى.
13لېكىن ئۇ مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:
ــ ئەرشتىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن يۇلۇنۇپ تاشلىنىدۇ. 14سىلەر ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار كورلارغا يول باشلايدىغان كورلاردۇر. ئەگەر كور كورغا يول باشلىسا، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
15لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا:
ــ بايا ئېيتقان تەمسىلنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بەرگەيسەن، ــ دېدى.
16لېكىن ئۇ: ــ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنچىگە ئېرىشىمىدىڭلار؟! ــ دېدى. 17ئېغىزغا كىرگەن بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئاشقازان ئارقىلىق تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تېخى چۈشەنمەمسىلەر؟ 18لېكىن ئېغىزدىن چىقىدىغىنى قەلبتىن چىقىدۇ، ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنىمۇ شۇدۇر. 19چۈنكى يامان ئويلار، قاتىللىق، زىناخورلۇق، بۇزۇقچىلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەت قاتارلىقلار قەلبتىن چىقىدۇ. 20ئىنساننى ناپاك قىلىدىغانلار مانا شۇلاردۇر؛ يۇيۇلمىغان قوللار بىلەن تاماق يېيىش ئىنساننى ناپاك قىلمايدۇ.
يات ئەللىك ئايالنىڭ ئېتىقادى
مار. 7:24-30
21ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارغا باردى. 22مانا، ئۇ چەت يەرلەردىن كەلگەن قانانىي بىر ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ ئى رەب! داۋۇتنىڭ ئوغلى، ھالىمغا رەھىم قىلغايسىز! قىزىمغا جىن چاپلىشىۋالغانىكەن، قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ! ــ دەپ ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ زارلىدى.
23لېكىن ئۇ ئۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
ــ بۇ ئايالنى يولغا سالساڭ! چۈنكى ئۇ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ يالۋۇرۇپ نىدا قىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى.
24ئەمدى ئۇ جاۋاب بېرىپ:
ــ مەن پەقەت يولدىن تېنىگەن قوي پادىلىرى بولغان ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرگە ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى.
25ئەمما ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سەجدە قىلىپ:
ــ رەب، ماڭا ياردەم قىلغايسەن! ــ دەپ يالۋۇردى.
26ئۇ ئۇنىڭغا:
ــ بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش ياخشى ئەمەس، ــ دېدى.
27لېكىن ھېلىقى ئايال:
ــ دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ خوجايىنىنىڭ داستىخىنىدىن چۈشكەن ئۇۋاقلارنى يەيدىغۇ، ــ دېدى.
28شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ ئەي خانىم، ئىشەنچىڭ كۈچلۈك ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن! ــ دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى.
نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ساقايتىلىشى
29ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، گالىلىيە دېڭىزىنىڭ بويىدىن ئۆتۈپ، تاغقا چىقىپ ئولتۇردى. 30ئۇنىڭ ئالدىغا توپ-توپ خالايىق يىغىلدى. ئۇلار توكۇر، قارىغۇ، گاچا، چولاق ۋە نۇرغۇن باشقا خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا قويۇشتى؛ ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. 31شۇنىڭ بىلەن خالايىق گاچىلارنىڭ سۆزلىيەلەيدىغان بولغانلىقىنى، چولاقلارنىڭ ساقايغىنىنى، توكۇرلارنىڭ ماڭغانلىقىنى ۋە قارىغۇلارنىڭ كۆرىدىغان بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولدى ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى ئۇلۇغلىدى.
تۆت مىڭ ئادەمنىڭ تويغۇزۇلۇشى
مار. 8:1-10
32ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ:
ــ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدا بولدى، يېگۈدەك بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قايتۇرۇشنى خالىمايمەن، يولدا ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن، ــ دېدى.
33مۇخلىسلار ئۇنىڭغا:
ــ بۇ چۆلدە بۇنچىۋالا ئادەمنى تويغۇزغۇدەك كۆپ ناننى نەدىن تاپىمىز؟ ــ دېيىشتى.
34ئەيسا ئۇلاردىن: قانچە نېنىڭلار بار؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ يەتتە نان بىلەن بىرنەچچە تال كىچىك بېلىق بار، ــ دېيىشتى ئۇلار.
35بۇنىڭ بىلەن ئۇ خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. 36ئاندىن، يەتتە نان بىلەن بېلىقلارنى قولىغا ئېلىپ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ مۇخلىسلىرىغا بەردى، مۇخلىسلار خالايىققا ئۈلەشتۈردى. 37ھەممەيلەن تويغۇچە يېدى؛ ئاندىن مۇخلىسلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يىغىپ يەتتە چوڭ سېۋەتنى توشقۇزدى. 38تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى بالىلار ۋە ئاياللاردىن باشقا تۆت مىڭ كىشى ئىدى. 39ئۇ خالايىقنى يولغا سالغاندىن كېيىن، كېمىگە چۈشۈپ، ماگادان يۇرتىنىڭ چەت يەرلىرىگە باردى.
Notes
■15:1
مار. 7:1.
□15:4
«ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» ــ بۇ ئەمرلەر تەۋرات «مىس.» 12:20، 17، «لاۋ.» 9:20 ۋە «قان.» 16:5دە خاتىرىلىنىدۇ.
■15:4
مىس. 20:12؛ 21:17؛ لاۋ. 20:9؛ قان. 5:16؛ پەند. 20:20؛ ئەف. 6:2.
□15:6
«ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت-ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ، ــ دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار» ــ مەسىھنىڭ سۆزىگە قارىغاندا «خۇداغا ئاتىغان تەئەللۇقاتلار» تېخى ئاتىغۇچى كىشىنىڭ قولىدا تۇرغاندا، ئۇلاردىن پايدىلىنىۋەرسە بولاتتى. شۇ كىشى بەلكىم تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن «دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىن...» ياكى «مەلۇم بىر مەزگىلدىن كېيىن...» «ئىبادەتخانىغا تاپشۇرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان بولسا كېرەك. يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىدە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن مىساللار تېپىلىدۇ. پەرىيسىلەر ئۆگەتكەن شۇ ھىيلە-مىكىر: «مال-مۈلكۈڭنى خۇداغا ئاتالغان («قۇربان قىلغان») قىلغان بولساڭ، ئاتا-ئاناڭدىن خەۋەر ئالمىساڭ بولىدۇ» ئەمەس، بەلكى «(شۇنداق قىلغان بولساڭ) خەۋەر ئېلىشىڭغا بولمايدۇ» دېگەندەك. ئۇلار شۈبھىسىزكى ئاخىرىدا بۇ ئىشتىن مەلۇم بىر پايدا كۆرىدۇ، ئەلۋەتتە.
■15:6
مار. 7:13؛ 1تىم. 4:3؛ 2تىم. 3:2.
■15:8
يەش. 29:13؛ ئەز. 33:31؛ مار. 7:6.
□15:9
«... ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس» ــ (8-9-ئايەتلەر) «يەش.» 13:29.
■15:9
يەش. 29:13؛ مار. 7:6، 7؛ كول. 2:18، 20، 22.
■15:10
مار. 7:14.
■15:11
روس. 10:15؛ رىم. 14:17،20؛ تىت. 1:15.
■15:13
يـۇھ. 15:2.
■15:14
يەش. 42:19؛ لۇقا 6:39.
■15:15
مار. 7:17.
■15:19
يار. 6:5؛ 8:21؛ پەند. 6:14؛ يەر. 17:9.
□15:21
«ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلارغا باردى» ــ ئۇ يەر «چەتئەللىكلەر» تۇرۇۋاتقان رايون بولۇپ، مەسىھنىڭ شۇ يەرگە بېرىشتىكى مەقسىتى، ئۆز خەلقىدىن بىر ۋاقىت ئايرىلىپ ئارام ئېلىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.
■15:21
مار. 7:24.
■15:24
مات. 10:6؛ روس. 13:46.
□15:26
«بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش ياخشى ئەمەس» ــ مەسىھ بۇ يەردە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسىنى، يەھۇدىيلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش، دەپ تەكىتلەيدۇ. «كىچىك ئىتلار» بەلكىم ھاقارەتلىك سۆز بولماي، ئۆيدىكى ئارزۇلۇق پىستىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇھىم ۋەقە توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■15:29
مار. 7:31.
■15:30
يەش. 29:18؛ 35:5؛ مات. 11:5؛ لۇقا 7:22.
■15:32
مار. 8:1.
■15:36
1سام. 9:13.