4
ئەيسانىڭ چۆل-باياۋاندا سىنىلىشى
مار. 1:12-13؛ لۇقا 4:1-13
1ئاندىن ئەيسا روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىبلىسنىڭ سىناق-ئازدۇرۇشلىرىغا يۈزلىنىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى. 2ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز روزا تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. 3ئەمدى ئازدۇرغۇچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:
ــ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلىنىشقا بۇيرۇغىن! ــ دېدى.
4لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ
تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى.
5ئاندىن ئىبلىس ئۇنى مۇقەددەس شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا: 6ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! چۈنكى تەۋراتتا: «خۇدا ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ»؛ ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ــ دېدى.
7ئەيسا ئۇنىڭغا: «تەۋراتتا يەنە، «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ پۈتۈلگەن ــ دېدى.
8ئاندىن، ئىبلىس ئۇنى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى شەرەپلىرى بىلەن كۆرسىتىپ:
9يەرگە يىقىلىپ ماڭا ئىبادەت قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، ــ دېدى.
10ئاندىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يوقال، شەيتان! چۈنكى تەۋراتتا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا ئىبادەت-خىزمىتىدە بول!» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى.
11بۇنىڭ بىلەن ئىبلىس ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، ۋە مانا، پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.
ئەيسا تەلىم بېرىشنى باشلايدۇ
مار. 1:14-15؛ لۇقا 4:14-15
12ئەمدى ئەيسا يەھيانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، گالىلىيەگە يول ئالدى. 13ئۇ ناسارەت يېزىسىنى تاشلاپ، زەبۇلۇن ۋە نافتالى رايونىدىكى گالىلىيە دېڭىزى بويىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. 14شۇنداق قىلىپ، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان شۇ بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دېمەك: ــ
15«زەبۇلۇن زېمىنى ۋە نافتالى زېمىنى،
ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى «دېڭىز يولى» بويىدا، «يات ئەللەرنىڭ ماكانى» بولغان گالىلىيەدە،
16قاراڭغۇلۇقتا ياشىغان خەلق پارلاق بىر نۇرنى كۆردى؛
يەنى ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنىڭ يۇرتىدا ئولتۇرغۇچىلارغا،
دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشتى».
17شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەيسا: «توۋا قىلىڭلار! چۈنكى ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» ــ دەپ جار قىلىشقا باشلىدى.
ئەيسانىڭ مۇخلىس چاقىرىشى
مار. 1:16-20؛ لۇقا 5:1-11
18 بىر كۈنى، ئۇ گالىلىيە دېڭىزى بويىدا كېتىۋېتىپ، ئىككى ئاكا-ئۇكا، يەنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىلغان سىمون ئىسىملىك بىر كىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياسنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى؛ 19ئۇ ئۇلارغا:
ــ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار ــ مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن! ــ دېدى. 20ئۇلار شۇئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
21ئۇ شۇ يەردىن ئۆتۈپ، ئىككىنچى بىر ئاكا-ئۇكىنى، يەنى زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ ۋە ئىنىسى يۇھاننانى كۆردى. بۇ ئىككىسى كېمىدە ئاتىسى زەبەدىي بىلەن تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ئۇ ئۇلارنىمۇ چاقىردى. 22ئۇلار دەرھال كېمىنى ئاتىسى بىلەن قالدۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
ئەيسانىڭ گالىلىيەدە تەلىم بېرىشى
لۇقا 6:17-19
23ۋە ئەيسا گالىلىيەنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلايتتى، خەلق ئارىسىدا ھەرخىل كېسەللەرنى ۋە ئاجىز-مېيىپلارنى ساقايتتى. 24ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى؛ ئۇ يەردىكى خالايىق ھەرخىل بىمارلارنى، يەنى ھەرتۈرلۈك كېسەللەر ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ھەمدە جىن چاپلاشقانلارنى، تۇتقاقلىق ۋە پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى؛ ۋە ئۇ ئۇلارنى ساقايتتى. 25گالىلىيە، «ئون شەھەر» رايونى، يېرۇسالېم، يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كەلگەن توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
Notes
□4:1
«..ئەيسا روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ... چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى» ــ «روھ» مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ.
■4:1
مار. 1:12؛ لۇقا 4:1.
□4:2
«ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز روزا تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى» ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولسۇنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا «روزا تۇتۇش» ئادەتتە ھېچقانداق ئوزۇقلانماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بىۋاسىتە دېيىلمىگەن بولسا مۇشۇ روزىلار سۇ ئىچمەسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
□4:3
«ئازدۇرغۇچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا... دېدى» ــ «ئازدۇرغۇچى» شەيتاننى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. «ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ،...» ــ گرېك تىلىدا بۇ 3- ۋە 6-ئايەتلەردىكى «ئەگەر» ئادەتتە «ئەگەر (مۇنداق) بولساڭ (ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىسەن)» دېگەن مەنىنى پۇرىتىدۇ. «خۇدانىڭ ئوغلى» ــ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ.
□4:4
«ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» ــ «قان.» 3:8.
■4:4
قان. 8:3
□4:6
«خۇدا ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنىڭ ھەققىڭدە ئەمر قىلىدۇ»؛ ۋە «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» ــ «زەب.» 11:91، 12. شەيتاننىڭ بۇ ئايەتنى ئىشلەتكىنى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■4:6
زەب. 91:11،12
□4:7
«پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» ــ «قان.» 16:6.
■4:7
قان. 6:16.
□4:10
«پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا ئىبادەت-خىزمىتىدە بول!» ــ «قان.» 13:6.
■4:10
قان. 6:13؛ 10:20.
□4:11
«بۇنىڭ بىلەن ئىبلىس ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، ۋە مانا، پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى» ــ رەب ئەيسا ئۇچرىغان سىناقلار ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.
■4:12
مار. 1:14؛ لۇقا 4:14،16،31؛ يـۇھ. 4:43.
□4:13
«ئۇ... نافتالى رايونىدىكى گالىلىيە دېڭىزى بويىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى» ــ «گالىلىيە دېڭىزى» ئاقار سۇلۇق يوغان بىر كۆل.
□4:15
«ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى «دېڭىز يولى» بويىدا...» ــ «دېڭىز يولى» «گالىلىيە دېڭىزى»نىڭ غەربىي يەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ««يات ئەللەرنىڭ ماكانى» بولغان گالىلىيەدە...» ــ ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، نافتالى، زەبۇلۇن ۋە باشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ كۆپ قىسىملىرى سۈرگۈن قىلىندى. بىر قىسىم كەمبەغەل، نامرات، قابىلىيەتسىز كىشىلەر قالدى. ئاسۇرىيە پادىشاھى باشقا يات مىللەت-خەلقلەرنى ئېلىپ كېلىپ شۇ يەرگە، بولۇپمۇ گالىلىيەگە ئولتۇراقلاشتۇردى. مۇشۇ كىشىلەر قېپقالغان نامرات ئىسرائىللار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈپ، ئۆزئارا ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنغاچقا، گالىلىيە يەھۇدىيلار تەرىپىدىن ««يات ئەللىكلەر» (يەھۇدىي ئەمەسلەر)نىڭ ماكانى گالىلىيە» دەپ كەمسىتىلىپ ئاتالغان.
■4:15
يەش. 8:23؛ 9:1.
□4:16
«قاراڭغۇلۇقتا ياشىغان خەلق پارلاق بىر نۇرنى كۆردى؛ يەنى ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنىڭ يۇرتىدا ئولتۇرغۇچىلارغا، دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشتى» ــ تەۋرات «يەش.» 1:9-2. بېشارەتتە مۇشۇ نۇر دەل شۇ كەمسىلتىلگەن يەردىكىلەرگە چېچىلىدۇ، دېيلىدۇ.
■4:16
يەش. 9:1، 2.
■4:17
مار. 1:15.
■4:18
مار. 1:16.
□4:19
«مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن!» ــ «ئادەمنى تۇتقۇچى» دېگەن ئىبارىدە «تۇتۇش» زىيان يەتكۈزۈش ياكى ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى شەيتاننىڭ ئىلكىدىن ئېلىپ قۇتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ.
□4:23
«ئەيسا... ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرىپ،...» ــ «سىناگوگلار» يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئىبادەت قىلىش، تەۋراتنى ئوقۇش ۋە ۋەز-تەلىم ئاڭلاشقا يىغىلىدىغان ئاممىۋىي ئۆيلىرى ياكى زاللىرى.
□4:24
«تۇتقاقلىق... كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار» ــ گرېك تىلىدا «ئاي ئۇرغانلار» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.