8
ئەيسانىڭ ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىشى
مار. 1:40-45؛ لۇقا 5:12-16
1ئۇ تاغدىن چۈشكەندە، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 2ۋە مانا، ماخاۋ كېسىلى بار بولغان بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ تىزلىنىپ:
ــ تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! ــ دېدى. 3ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:
ــ خالايمەن، پاك بولغىن! ــ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى شۇئان پاك بولۇپ ساقايدى. 4ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغان ھەدىيە-قۇربانلىقنى سۇنغىن، ــ دېدى.
ئەيسانىڭ رىملىق يۈزبېشىنىڭ چاكىرىنى ساقايتىشى
لۇقا 7:1-10؛ يـۇھ. 4:43-54
5ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە بارغاندا، رىملىق بىر يۈزبېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن يېلىنىپ:
6ــ تەقسىر، چاكىرىم پالەچ بولۇپ قېلىپ، بەك ئازابلىنىپ ئۆيدە ياتىدۇ، ــ دېدى.
7مەن بېرىپ ئۇنى ساقايتىپ قوياي، ــ دېدى ئەيسا.
8يۈزبېشى جاۋابەن:
ــ تەقسىر، تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كىرىشىڭىزگە لايىق ئەمەسمەن. پەقەت بىر ئېغىزلا سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ. 9چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، مېنىڭ قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ، ــ دېدى.
10ئەيسا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولدى. ئۆزى بىللە كەلگەنلەرگە:
ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇنداق ئىشەنچنى ھەتتا ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ تاپالمىغانىدىم. 11سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن كىشىلەر كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىن كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدا ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. 12لېكىن بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى بولسا، سىرتتا قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىپ، ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ــ دېدى. 13ئاندىن، ئەيسا يۈزبېشىغا:
ــ ئۆيۈڭگە قايت، ئىشەنگىنىڭدەك سەن ئۈچۈن شۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. ھېلىقى چاكارنىڭ كېسىلى شۇ پەيتتە ساقايتىلدى.
ئەيسانىڭ نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىشى
مار. 1:29-34؛ لۇقا 4:38-41
14ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇسنىڭ قېينئانىسىنىڭ قىزىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىنى كۆردى. 15ئۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىدى، ئۇنىڭ قىزىتمىسى ياندى. ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسانى كۈتۈشكە باشلىدى.
16كەچ كىرگەندە، كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا جىنلارنى ھەيدىۋەتتى ۋە بارلىق كېسەللەرنى ساقايتتى. 17بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن: «ئۇ ئۆزى ئاغرىق-سىلاقلىرىمىزنى كۆتۈردى، كېسەللىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
ئەيساغا ئەگىشىشنىڭ بەدەللىرى
لۇقا 9:57-62
18ئەيسا ئۆزىنى ئورىۋالغان توپ-توپ كىشىلەرنى كۆرۈپ، مۇخلىسلىرىغا دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كېتىشنى ئەمر قىلدى. 19شۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا:
ــ ئۇستاز، سەن قەيەرگە بارساڭ، مەنمۇ ساڭا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىمەن، ــ دېدى.
20ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، ــ دېدى.
21مۇخلىسلىرىدىن يەنە بىرى ئۇنىڭغا:
ــ رەب، مېنىڭ ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويۇشۇمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى.
22بىراق ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ ماڭا ئەگەشكىن، ۋە ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى يەرلىككە قويسۇن، ــ دېدى.
ئەيسانىڭ بوراننى تىنچىتىشى
مار. 4:35-41؛ لۇقا 8:22-25
23ئۇ كېمىگە چۈشتى، مۇخلىسلىرىمۇ چۈشۈپ بىللە ماڭدى. 24ۋە مانا، دېڭىز ئۈستىدە قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىدىن ھالقىپ كېمىنى غەرق قىلىۋېتەي دەپ قالدى. لېكىن ئۇ ئۇخلاۋاتاتتى. 25مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ:
ــ ئى ئۇستاز، بىزنى قۇتۇلدۇرغايسەن! بىز ھالاكەت ئالدىدا تۇرىمىز ــ دېدى.
26ــ نېمىشقا قورقىسىلەر، ئى ئىشەنچى ئاجىزلار! ــ دېدى ئۇ ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران-چاپقۇنغا ۋە دېڭىزغا تەنبىھ بېرىۋىدى، ھەممىسى بىردىنلا تىنچىدى.
27مۇخلىسلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە:
ــ بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران-چاپقۇنلار ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى.
ئەيسانىڭ جىن چاپلاشقان ئىككى ئادەمنى ئازاد قىلىشى
مار. 5:1-20؛ لۇقا 8:26-39
28ئەيسا دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا بارغىنىدا، جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى گۆرلىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى. ئۇلار شۇنچە ۋەھشىي ئىدىكى، ھېچكىم بۇ يەردىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. 29ئۇنى كۆرگەندە ئۇلار:
ــ ئى خۇدانىڭ ئوغلى، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەيلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ ــ دەپ توۋلىدى.
30شۇ يەردىن خېلى يىراقتا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى. 31جىنلار ئەمدى ئۇنىڭغا:
ــ ئەگەر سەن بىزنى قوغلىۋەتمەكچى بولساڭ، بىزنى توڭگۇز پادىسى ئىچىگە كىرگۈزۈۋەتكەيسەن، ــ دەپ يالۋۇرۇشتى.
32ئۇ ئۇلارغا:
ــ چىقىڭلار! ــ دېۋىدى، جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى. مانا، پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، سۇلاردا غەرق بولدى.
33لېكىن توڭگۇز باققۇچىلار بەدەر قېچىپ، شەھەرگە كىرىپ، بۇ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى، جۈملىدىن جىن چاپلاشقان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى خالايىققا ئېيتىپ بېرىشتى. 34ۋە مانا، پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. ئۇلار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شۇ رايونىدىن ئايرىلىپ كېتىشىنى ئۆتۈندى.
Notes
□8:2
«ماخاۋ كېسىلى بار بولغان بىر كىشى» ــ ماخاۋ كېسىلى بىر خىل قورقۇنچلۇق، يۇقۇملۇق تېرە كېسىلى بولۇپ، تەۋرات قانۇنى بويىچە يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى «ناپاك» دەپ ھېسابلاپ، ئۇلارغا تەگمەسلىكى كېرەك ئىدى («لاۋ.» 13-14-بابلار). «تەقسىر» ــ گرېك تىلىدا بۇ سۆز «كۇرىئوس» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرگە قاراپ ياكى «تەقسىر» ياكى «رەب»نى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ يەردە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار ئادەم ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تېخى ئانچە بىلمىگەچكە، «تەقسىر» دەپ تەرجىمە قىلىشىمىز كېرەك.
■8:2
مار. 1:40؛ لۇقا 5:12.
□8:4
«ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغان ھەدىيە-قۇربانلىقنى سۇنغىن» ــ تەۋرات قانۇنى بويىچە بىرسى ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغان بولسا، مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى مەسئۇل كاھىننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى «ساق، ياكى ساق ئەمەس» دەپ تەكشۈرتۈپ قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئىدى؛ ئاندىن قايتىدىن جەمئىيەت بىلەن ئارىلىشالايتتى. («لاۋ.» 9:13، 1:14-11، «لۇقا» 14:5نى كۆرۈڭ). دېمىسەكمۇ، مەسىھ كەلگۈچە بۇنداق مۇراسىم بىر قېتىممۇ ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان.
■8:4
لاۋ. 13:2؛ 14:2؛ لۇقا 5:14.
■8:5
لۇقا 7:1.
■8:8
زەب. 107:20.
□8:9
«مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن...» ــ «مەنمۇ» دېگەن سۆزگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. دېمەك، يۈزبېشى رىم ئىمپېراتورىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدا تۇرۇپ ئۆز ھوقۇقى بىلەن ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرەلەيتتى؛ ئەيسا ئالەم ئىگىسىنىڭ ھوھۇقى ئاستىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ھوقۇقى بىلەن ئالەمنىڭ ئىشلىرىنى بۇيرۇيدىغان ئادەم ئىدى.
■8:11
لۇقا 13:29.
□8:12
«كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىن كەلگەنلەر...» ــ (11-ئايەت) يەھۇدىي ئەمەسلەرنى، يەنى يات ئەلىلكلەرنى كۆرسىتىدۇ. «پادىشاھلىقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى» بولسا، ئەسلى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولۇش كېرەك بولغان يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
■8:12
مات. 13:42؛ 21:43؛ 22:13؛ 24:51؛ لۇقا 13:28.
■8:14
مار. 1:29؛ لۇقا 4:38.
■8:17
يەش. 53:4؛ 1پېت. 2:24.
■8:19
لۇقا 9:57.
□8:20
«ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق» ــ تەۋراتتا «ئىنسانئوغلى» دېگەن ئىبارە ئالدىن ئېيتىلغان، دۇنيانى قۇتقۇزۇشقا كېلىدىغان «مەسىھ»نى كۆرسەتكەنىدى (مەسىلەن، «دان.» 13:7-14). تەۋرات-زەبۇر بويىچە بۇ ئەۋەتىلگۈچىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان. ئۇنىڭدىن مۇھىمى، بىزنىڭچە، ئەيسا مەسىھنىڭ بۇ نامنى ئۆزى ھەققىدە كۆپ ئىشلىتىشى ئۆزىنىڭ تولۇق ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەت بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى ئەرش تەرىپىدىن ئېيتقاندا ئاجايىب ئىش شۇكى، گەرچە ئۇ ئەزەلدىن خۇدانىڭ ئوغلى بولغان بولسىمۇ، ئۇ ھازىر يەنە «ئىنساننىڭ ئوغلى»مۇ ئىدى. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
□8:21
«رەب، مېنىڭ ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويۇشۇمغا ئىجازەت بەرگەيسەن» ــ بۇ كىشىنىڭ ئاتىسى بەلكىم تېخى دۇنيادىن كەتمىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر: «ئاۋۋال بېرىپ ئاتام ئۆلۈپ ئۇنى يەرلىككە قويغۇچە كۈتۈشۈمگە يول قويغايسەن» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ.
□8:22
«ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى يەرلىككە قويسۇن» ــ «ئۆلۈكلەر» مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزۇلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن «روھى ئۆلگەنلەر»نى كۆرسىتىدۇ.
■8:22
1تىم. 5:6.
■8:23
مار. 4:35؛ لۇقا 8:22.
■8:26
ئايۇپ 26:12؛ زەب. 107:29؛ يەش. 51:10.
□8:28
«گادارالىقلار» ــ ياكى «گېراسالىقلار» («لۇقا» 36:8نى كۆرۈڭ). «جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى گۆرلىرىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئالدىغا كەلدى» ــ «گۆرلەردىن» قانائاندا (پەلەستىندە) كۆپ گۆرلەر ئۆڭكۈرلەردىن ياسىلىدۇ.
■8:28
مار. 5:1؛ لۇقا 8:26.